ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 16:56

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردۇق، دېدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى زاپوروژې ئوبلاستى، ئودېسسا ئوبلاستى ھەمدە دونېستىك قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى، دېدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بولسا ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردۇق، دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ زاپوروژې ئوبلاستىدا تەخمىنەن 200 قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتتى؛ ئودېسسا ئوبلاستىدا ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى تەمىنلىگەن قوراللارغا ئىشلىتىلىدىغان ئوق ـ دورا ئامبىرى قاتارلىقلارنى ۋەيران قىلدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى زالۇژنىي: گەرچە ئالدىنقى سەپنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، جىددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى ئامال قىلىپ ئالدىنقى سەپنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى، دېگەن.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە ئىستىھكامىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم بىر ئامىل خەيماس راكېتا سىستېمىسىنىڭ ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىكەن. زالۇژنىي يەنە ئامېرىكىغا قورال-ياراغ جەھەتتىكى تەلەپلەرنى يەنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋرىلوف مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇكرائىنا پاراخوتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش قوراللىرىنى قوبۇل قىلىشنى كۈتمەكتە.

ئۇ مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا غەربتىكى ھەمراھلىرى تەمىنلىگەن پاراخوتقا قارشى قوراللارغا ئېرىشىۋاتىدۇ، بۇ قارا دېڭىزدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئوكرائىنا بۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز فىلوتىغا زەربە بېرىدۇ ھەمدە قىرىمنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف: كىيېۋ تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى پەقەت رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، دېدى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردۇق، دېدى