تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە قارا دېڭىز پورتىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ۋەكىللىرى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە قارا دېڭىز پورتىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى: ئىستانبۇلدا ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇش ھەمدە ئاشلىق توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىق، ئىستانبۇل ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە ھەر قايسى تەرەپلەر ۋەكىل ئەۋەتىپ پورتقا كىرىپ چىقىدىغان پاراخوتلارنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش، ئودېسسا پورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ پورتى سىرتقا ئاشلىق ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇشنى باشلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ «ياۋروپا ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى بار بولۇپ، كۆممىقوناق ۋە بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر 20 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا دانلىق زىرائىتى ئودېسسا پورتىدا تۇرۇپ قالغان.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى