ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۈەن جۇڭيى: جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى باشقا دۆلەتلەرنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-03 09:24

ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۈەن جۇڭيى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيى جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى باشقا دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، دېدى.

ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۈەن جۇڭيى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى باشقا دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر رۇەن جۇڭيىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رۈەن جۇڭيى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى مۇساپىنى باشلىشىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا تېخىمۇ بىر بالداق ئۆرلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. رۈەن جۇڭيى مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشانلارنى ئورۇنلاپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ يىپيېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسىى 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يادرو قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزاملارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان، مەسىلىلەرنى بايقايدىغان، ئېغىپ كېتىشنى تۈزىتىدىغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش تەكىتلەندى. رۇەن جۇڭيى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتى.

رۇەن جۇڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىلى ۋىيېتنام ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 13-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى يىلى، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە بايراقنى كۆتۈرۈش، يۆنىلىش بەلگىلەش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋىيېتنام كومپارتىيەسى يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. رۈەن جۇڭيى مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ ھەمدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە ئىلھام بەردى.

رۇەن جۇڭيى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە نەزەر سالغاندا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

رۇەن جۇڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولىنىڭ ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ھەم نامراتلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمبەھرىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۈەن جۇڭيى: جۇڭگونىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى باشقا دۆلەتلەرنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.