ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىگە يۇقىرى باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-07 10:17

خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بەردى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى داۋاملىق قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بەردى. خەلقئارادىكى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ باش مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى يۇكىئو خاتوياما مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت شۇنداقلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. لېكىن يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى بىر-بىرىگە باغلانغان، بىر دۆلەتنىڭ كىرىزىسى باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئومۇمىيەت قارىشىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن توغرا.

رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېننادىي ژيۇگانوف باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل دۇنياغا پايدىلىق تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىدى.

ۋېنېسۇئىلا گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئالىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلىم تەتقىقات مۇدىرى لۇئىس دېلگارو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشقا تۆھپە قوشتى ھەم كۈچ مۇجەسسەملىدى.

تايلاند چۇلالوڭكورىن داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئامۇ دونلۇن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پەرققە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئورتاقلىق ئىزدىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.

نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسى لاۋرىيانو ئورتېگا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ئىدىيەگە قەدىمىي جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن ھەم ئۇنىڭدا نۆۋەتتىكى دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان دېدى.

كېنىيە ئافرىقا سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پېتېر كاگاۋانگا مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئىدېئولوگىيە رامكىسىنىڭ ئاسارىتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېتىم قالدۇرىدىغان ۋە تار كۆز قاراشقا ئىگە كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى نامراتلىقنى ئازايتىش، تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور قارالمىلارغا ئاجرىتىشقا ئىلھام بەردى.

كېنىيەنىڭ خەلقارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كاۋېنس ئادھىل باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياۋى ھەمكارلىقنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ جاۋابىنى بەردى. ئون يىللىق ئەمەلىيەت-بۇ سىياسەت تەشەببۇسلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە كۈچەيتتى، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى زور تەسىر قوزغىماقتا.

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۇڭسەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ۋە يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىنى «جۇڭگو لايىھەسى» بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، لائوس-جۇڭگو تۆمۈريولى بۇنىڭ جانلىق مىسالى. جۇڭگو كومپارتىيەسى لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ھەقىقىي، سەمىمىي ھالدا تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كېنىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ئالىمى كاۋېنس ئادھىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

مىسىرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن ئىبراھىم ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا ئېرىشتى دەپ قارىدى. ئىبراھىم جۇڭگودا ئوقۇغان ۋە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى.
مالىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى قادىر توئى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلار يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بىز كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىگە يۇقىرى باھا بەردى

خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بەردى.