ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچ دۆلەت لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-07 11:47

ئىفى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنا، بولىۋىيە ۋە چىلى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر دېلتا تەشكىلاتى» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر ھۆججەت تەييارلاۋېتىپتۇ، بۇ ئارقىلىق لىتىي رۇدىسىنىڭ قىممىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئەھۋالدا «باھا كېلىشىمى» ھاسىل قىلىدىكەن.

ئىفى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنا، بولىۋىيە ۋە چىلى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر دېلتا تەشكىلاتى» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر ھۆججەت تەييارلاۋېتىپتۇ، بۇ ئارقىلىق لىتىي رۇدىسىنىڭ قىممىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئەھۋالدا «باھا كېلىشىمى» ھاسىل قىلىدىكەن. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارگېنتىنادا ئېچىلغان 39-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەتلەشتى.

ئارگېنتىنا، بولىۋىيە ۋە چىلىنىڭ لىتىي زاپىسى مول، ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى «لىتىي دېلتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىغىچە، يەر شارىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 89 مىليون توننا لىتىي بايلىقىنىڭ تەخمىنەن %56 ى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى «لىتىي دېلتىسى» بەلبېغىدا ئىكەن. جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ لىتىي كان مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىكەن.

لىتىي-توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. نۆۋەتتە خەلقئارا بازاردا لىتىيغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قاتما يېقىلغۇغا زىيادە تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، بۇ لىتىي مەھسۇلاتى ۋە باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەر شارى بويىچە ئوتتۇرىچە باھاسى 2020-يىلى 11-ئايدىكى ھەر توننىسىنىڭ 5700 ئامېرىكا دوللىرىدىن بۇ يىل 9-ئايدا ھەر توننىسىنىڭ 60 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى.

بازاردا ئېھتىياج ئېشىپ، لىتىي لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. ئۇرۇگۋاي «جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل ئارگېنتىنانىڭ لىتىي ئېكسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %171 ئاشتى. چىلى ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە لىتىي ئېكسپورتىنىڭ چىلىنىڭ دۆلەت مالىيەسىگە قوشقان تۆھپىسى تۇنجى قېتىم يەنە بىر ئاساسلىق مېتال مىستىن ئېشىپ كەتكەن.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈەن دۇڭجېن مۇنداق دېدى: خەلقئارا بازاردا سىرەك يەر، لىتىي قاتارلىق بايلىقلار چۆرىدەلگەن رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «لىتىي دېلتىسى» دۆلەتلىرى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدا باھا بېكىتىش، بايلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھالقىلاردىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «لىتىي دېلتىسى» دۆلەتلىرى لىتىي كېنىنى دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2-ئايدا چىلى ئاساسىي قانۇن كېڭىشى مىس، لىتىي كېنى ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلەرنى دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللىغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بولىۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئېۋو مورالېس ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە لىتىي بايلىقىنى دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان.
يۈەن دوڭجېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لاتېن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى تارىخىدا «بايلىق مىللەتچىلىك» دولقۇنى كۆرۈلگەن بولۇپ، تەبىئىي بايلىق تاشقى سىياسەت بېكىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنغان. ھازىر لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش قارىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، لىتىي كەسپى چۆرىدەلگەن رايون ھەمكارلىقى- ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئېڭىنى بەلگىلىك دەرىجىدە نامايەن قىلدى.

لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «لىتىي دېلتىسى» دۆلەتلىرى «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نى قۇرۇش ئارقىلىق، لىتىي كېنىنىڭ خەلقئارادىكى ئىشلەپچىقىرىشىدا باھاسىنى بېكىتىشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇشنى ھەمدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل سانائەت تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن يېتەكچى فاڭجېن تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

يۈەن دۇڭجېن مۇنداق دېدى: ھازىر ئارگېنتىنا، چىلى ۋە بولىۋىيەدە سول قانات ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، شۇڭا سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، رايون بىرىكمە كۈچىنى تېخىمۇ ئاسان شەكىللەندۈرىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئېغىر بولدى، نامراتلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا تۈرتكە بولدى.

مېكسىكا «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كەسكىنلىشىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە دەۋەت قىلدى، لىتىي كېنى تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بايلىققا ئايلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2040-يىلىغا بارغاندا، يەر شارىنىڭ لىتىيغا بولغان ئېھتىياجى ھازىرقىدىن 42 ھەسسە ئاشىدىكەن.

يۈەن دۇڭجېن مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى» قۇرۇشنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلىنىشكە بولىدۇ. «لىتىي دېلتىسى» دۆلەتلىرىنىڭ لىتىي كېنى زاپىسى يېتەرلىك ھەمدە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، بۇ رايون ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سالدى.«لىتىي دېلتىسى»دۆلەتلىرى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ سىياسىي ئامىل تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

بولىۋىيەنىڭ سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرى جوسې ئۇگو موردىس مېركادو يېقىندا مۇنداق دېدى: لىتىي كېنى خەلقئارا بايلىق بازىرى رىقابىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمە مىقدارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. لىتىي كەسپى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ يەر شارى لىتىي بازىرىدا سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

يۈەن دۇڭجېن مۇنداق دېدى: «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى» لىتىي كېنى بازىرىنىڭ تەمىنلەش مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ» قۇرۇلۇشى خەلقئارا لىتىي بازىرىنى باھا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچ دۆلەت لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشنى تېزلەتتى

ئىفى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارگېنتىنا، بولىۋىيە ۋە چىلى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش «لىتىي ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر دېلتا تەشكىلاتى» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر ھۆججەت تەييارلاۋېتىپتۇ، بۇ ئارقىلىق لىتىي رۇدىسىنىڭ قىممىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئەھۋالدا «باھا كېلىشىمى» ھاسىل قىلىدىكەن.