كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى: جۇڭگو ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشماقتا
كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
«بۈگۈنكى قازاقىستان» ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى تۆمۈر قۇۋاتوف مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، سۆزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئېچىۋېتىشنى تەكىتلەش بولدى ھەم ئېچىۋېتىشنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى، بۇ 20-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن داۋاملىق ئېچىۋېتىش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيا تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن جۇڭگوغا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ.
جۇھانىسبۇرگ داشۆسى ئافرىقا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى داۋىد مويې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە نۇرغۇن قارالمىلارنى تىلغا ئالدى، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سودا قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ئۇ جۇڭگو تىرىشىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىنىڭ جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، سودا يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق مەسىلە دېگەن سىگنالنى چىقاردى.
ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى لاۋرا جېنكىنس مۇنداق دېدى: مەن ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىزمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايمىز، مېنىڭچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئالاقىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئىتالىيەدىن خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ئېكسپورت تارمىقىنىڭ دىرېكتورى دومىنىكو دى نۇزو مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بارغانسېرى ئېچىۋېتىلگەنلىكىگە دىققەت قىلدۇق، بۇنىڭ خەلقئارا سودىغا ناھايىتى زور پايدىسى بار، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، بىز كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىدۇق.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا