ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە رەقەملىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى سودىگەرلىرى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن سودا پۇرسىتى كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-09 10:25

ئىسرائىلىيەنىڭ لۇددى شەھىرىدىكى ۋىتتېل رەقەملىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدا، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىگ خاۋىف مۇخبىرغا ئۇچراشماس ساغلاملىق قۇتىسىنى كۆرسەتتى، بۇ ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلغان «گۆھىرى».

بۇ ئاق رەڭلىك كىچىك قۇتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاددىي بولۇپ، ھەجىمى ئالىقانچىلىك كېلىدۇ، ئىچىگە ئورنىتىلغان بىئو سېنزور سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىمارنى ئۇزاق مۇددەت پەرۋىش قىلىشنى داۋاملىق كۆزىتىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خاۋىف مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بىزنىڭ جۇڭگو بازىرىنى كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى».

خاۋىف «قاراس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قولىدىكى ساغلاملىق قۇتىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىش كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا چىڭ چاپلىدى.

سىمسىز تور مۇھىتىدا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ساغلاملىق قۇتىسى ئارقىلىق يىغىلغاندىن كېيىن تېرمىنالغا يوللىنىپ، يان تېلېفون قوللىنىشچان پىروگراممىسىدا ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ.

مۇخبىرغا كۆرسەتكەندە، خاۋىف ئەسۋابنىڭ ئاۋازىنى خەنزۇ تىلىغا تەڭشىدى.

كۆرسەتكۈچ بىنورمال بولسا ياكى بىمارنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بولسا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئاۋازلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ، سېسترا ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنى دەرھال ئارىلىشىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۆۋەنلىتىشكە ئەسكەرتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ سىستېمىنى دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى داۋالاش ساھەلىرىگىمۇ، ئائىلە ساغلاملىقىنى كۆزىتىشكىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودىكى 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار نوپۇسى 267 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18.9 ىنى ئىگىلىدى، 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار نوپۇسى 300 مىليوندىن ئېشىپ، جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرا ھال قېرىلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خاۋىفنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ئاساسىي سانى چوڭ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مەسىلىسى.

رەقەملەشكەن دەۋردە، قېرىلىشىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا پەن-تېخنىكىنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەتكە بارغانسېرى تايىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى قالتىس ئىپادىسى ۋىتتېرغا ئوخشاش رەقەملىك داۋالاش ئەسۋابى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە زور قولايلىق يارىتىپ بەردى.

خاۋىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىياسەتنىڭ ياخشى بولۇشى كەسىپتىكى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان 20 گە يېقىن ئىسرائىلىيە كارخانىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى ئاساس قىلغان كارخانا.

بۇلتۇر خاۋىف ئۆمەك باشلاپ تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئېرىشتى، خېرىدارلار توپى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل داۋاملىق كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە سودىگەرلەرنىڭ قاتناشتۇرغان ماركىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بار-يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

2019-يىلى ۋىتتېل گۇاڭجۇدا جۇڭگو شۆبە شىركىتى قۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپلەرنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە جۇڭگو بازىرىنى ئاچتى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەمكارلىق قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، خاۋىفنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى جۇڭگودا ئۆتتى، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەن ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۇنى خۇشال قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمىز ئاساسلىق تەۋسىيە قىلغان مەھسۇلاتلار داۋالاش، ساغلاملىقنى كۆزىتىشكە قارىتىلدى، لېكىن جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز ئوخشاش ساھەدىن كېلىپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكى، ماشىنا ئادەم ياساش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇنچا قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ كېڭەيدى.

خاۋىف مۇنداق دېدى: جۇڭگودا پۇرسەت چەكسىز، بۇ جۇڭگونىڭ غايەت زور بازارغا ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى قوللىشى مېنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئۈمىدۋار قىلدى.

تەرجىمان:بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە رەقەملىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى سودىگەرلىرى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن سودا پۇرسىتى كۈتمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ لۇددى شەھىرىدىكى ۋىتتېل رەقەملىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدا، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىگ خاۋىف مۇخبىرغا ئۇچراشماس ساغلاملىق قۇتىسىنى كۆرسەتتى، بۇ ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلغان «گۆھىرى».