ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ياخشى باھاغا ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:53

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى مىسىرنىڭ شامشەيىخ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى مىسىرنىڭ شامشەيىخ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىنسانلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدىن تېخى قۇتۇلالماي تۇرۇپلا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى، يەر شارىدىكى پۇل پاخاللىقى، ناچار ھاۋا رايىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئېنېرگىيە ۋە مالىيە قىيىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى كۆمۈردىن توك تارقىتىش يولىدا قايتا ماڭدى، بىر قىسىم دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي كەلدى.

جۇڭگو ئوخشاشلا غايەت زور بېسىم ۋە خىرىس ئالدىدا، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا باشتىن-ئاخىر كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

دانىيە كوپىنھاگېن ئورتاق تونۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جون لومبوگ يېقىندا كانادا «يەر شارى پوچتا گېزىتى»دە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر ئەنگلىيە گىلاسگوۋ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا قاتما يېقىلغۇدىن پايدىلىنىشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ يىل قىشتا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى داۋاملىق ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھەممىسىنى تاقىمايدىغان بولدى. گېرمانىيەمۇ كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندونېزىيەدىن ئىمپورت قىلغان ئېلېكتىر كۆمۈرى 10 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى...

ماقالىدە مۇنداق دىيىلدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئېغىرلاشقاندىن بۇيان، غەربتىكى باي دۆلەتلەر ئىزچىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىمپورت قىلىدىغان قاتما ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا بەزى دۆلەتلەر «ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ساختىپەزلىك قىلىۋاتىدۇ»، «دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر زور مىقداردا تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە نېفىتنى خورىتىپ بولغاندىن كېيىن، نامرات دۆلەتلەرنى قاتما يېقىلغۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان پاكىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرىغا مەسئۇل خەلق پارلامېنتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ كاتىپى ناز بەلۇجى مۇنداق دېدى: ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئالدىن بىر تەرەپ قىلىدىغان مەسىلىسى بولسىمۇ، لېكىن يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا، بارلىق دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدىن ھالقىغان نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

2009-يىلى كوپىنھاگېندا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 2020-يىلىغا بارغاندا ھەر يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىلىمات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2030-يىلىغا بارغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ماسلىشىشىغا كېتىدىغان ئېھتىياج مەبلىغى ھەر يىلى 340 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدۇ. لېكىن، ھازىر ماسلىشىشقا بېرىلگەن مەبلەغ مەدىتى بۇ پۇلنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، ئەڭ ئاجىز كىشىلەر ۋە مەھەللىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىۋاتىدۇ، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. گۇتېررېس باھانىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ گېپىدە تۇرمىغانلىقىدىن نارازى بولدى ۋە غەزەپلەندى.

ناز بەلۇجى مۇنداق دېدى: ۋەدە قىلغاندىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. پاكىستان بۇ يىل ئېغىر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىدى، بىز بۇنىڭ ئازابىنى ئوبدان بىلىمىز، چوقۇم بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك.

يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كېۋىن كونراد تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كىلىمات مەبلىغىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، بىراق ھەر يىلى باشقا ئىشلارغا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى سىمون ستىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە باشتىن-ئاخىر پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانى، كىلىمات ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدە داۋاملىق ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

مىسىرنىڭ مۇھىت مىنىستىرى ياسىمىن فۇئاد جۇڭگونىڭ «قوش كاربون» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى قۇۋۋەتلەپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «سۈزۈك سۇ يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

مىسىر قاھىرە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋالىد جابالا جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا ناھايىتى تونۇش. ئۇ مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات زاپاس تاللاش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى چەكلەش، مۇھىت ئاسراشتىكى تەڭداشسىز يول. جۇڭگو ئالاقىدار كەسىپ ۋە تۈرلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە، بۇ يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كېۋىن كونراد: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىر ياخشى ئۈلگە، ئۇ دۇنياغا ئۈمىد ئاتا قىلدى، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ياخشى باھاغا ئېرىشتى

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى مىسىرنىڭ شامشەيىخ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتىدۇ.