ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى، دەپ قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:57

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ھەمدە زور يەر شارى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى، دەپ قارىدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ھەمدە زور يەر شارى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشلىقلار دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە، دۇنيا زور تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، ئىنسانلار جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادشۇناسى، بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى روننى لىنس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى مۇھىم ئىجابىي سىگنال، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپلىك ۋە زور دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى ئاشۇردى.

فىرانسىيە پارىژ فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىئازىد بىنخام رەئىس شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە ئېيتقان «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» دېگەن سۆزلەرنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ يۈز تۇرا كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پەيتىگە توغرا كەلدى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

سېربىيە خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» رايون تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى كاتارىنا زاكىچ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى ناھايىتى ياخشى پەيتكە توغرا كەلدى، كۆرۈشۈش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە، ئىنسانلار جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىنتايىن مۇھىم. گەرچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پەرق ۋە ئىختىلاپ بولسىمۇ، باشلىقلار دىپلوماتىيەسى ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق.

ئامېرىكا «يەر شارى ئىستراتېگىيە ئۇچۇرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋېليام جونىس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىشقا پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىشى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن باراۋەر ئاساستا ئالاقىلىشىشى كېرەك. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ»، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئەنگلىيە شەرقىي ئاسىيا كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئالىستار مىچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشىنىڭ «ئەھمىيىتى زور»، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىجابىي سىگنال قويۇپ بېرىلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن، باشلىقلارنىڭ يۈز تۇرا سۆزلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تارقاتقان ئۇچۇرلار بىردەكلىك ۋە ئىزچىللىققا ئىگە، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

ئامېرىكا مىچگان جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تام ۋوتكىنىس: ئامېرىكا-جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم، دېدى. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلغان، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋەتنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

كورېيە كورېيە-جۇڭگو شەھەرلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چۈەن چىجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا ئېنىقكى، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئىزچىل ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

ئارگېنتىنا ئارگېنتىنا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پاترىسىئو جۇستو رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ پىرىنسىپقا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ پىرىنسىپتا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يولى شەرھلەندى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكا ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى فەن بو مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ساقلىشىشى زۆرۈر. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى، دەپ قارىدى

بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادشۇناسى، بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى روننى لىنس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى مۇھىم ئىجابىي سىگنال، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپلىك ۋە زور دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى ئاشۇردى.