ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇش بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت بولۇشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-17 08:52

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنياغا بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن بالى ئارىلىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە زور يەر شارى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى سەمىمىي، چوڭقۇر ئالماشتۇردى ھەم كۆپ تۈردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش-چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قىزىل سىزىقنى ئېنىق ئايرىش، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت كۆزلەنگەن مەقسەتكە يەتتى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش-جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى شۇنداقلا زۇڭتۇڭ بايدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئىككى رەھبەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم قارالمىلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ، يەر شارىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇچرىشىش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۈلۈمسىرەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇچرىشىش ۋاقتى ئالدىن بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن كۆپ بولدى، نۇرغۇن تەپسىلاتلار بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالاقىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئىكەنلىكى شۇنداقلا يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى دەپ قارىدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب-ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدە. جۇڭگونى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى دەپ بېكىتىشتىن جۇڭگوغا قارىتا سودا ئۇرۇشى، پەن-تېخنىكا ئۇرۇشى قوزغاش، «تام قوپۇرۇپ قورۇق سېلىش»، «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى»نى ھەدەپ ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يەنە گۇرۇھلىشىپ جۇڭگونى قورشايدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بىلەن ھەپىلىشىشكىچە بولغان ئامېرىكىنىڭ خاتا ئۇسۇللىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ، نىشاندىن ئادىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تارىخقا، دۇنياغا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يېڭى دەۋردە ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە زور ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى، ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، يۈكسەك ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىدى؛ جۇڭگو ئەزەلدىن ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، ئامېرىكىغا خىرىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئويى يوق دەپ تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ بايدىن ئۇچرىشىشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان جۇڭگو ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنياغا ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، خاتا ھۆكۈم ياكى كەسكىن رىقابەت سەۋەبىدىن توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ بۇندىن ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە شەرھلەپ مۇنداق دېدى: بىپايان يەر شارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ؛ ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىغا توغرا قاراپ، قارشىلاشماي سۆزلىشىشى، نۆل يىغىندىلىق ئىش قىلماستىن، قوش پايدا ئېلىشتەك ئالاقە ئاساسىي رىتىمىنى تىكلىشى كېرەك؛ ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئازايماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى؛ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى، كونتىروللۇقىنى يوقاتماسلىقى، ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەسلىكىگە بىرلىكتە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ ھۆكۈملەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن كەلگەن بولۇپ، بىر چوڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان توغرا ھۆكۈمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قارىشىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

تەيۋەن مەسىلىسى-جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنىڭ ئاساسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. زۇڭتۇڭ بايدىن بۇندىن ئىلگىرىكى «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇش، قارشىلىشىش ئويى يوق» دېگەن مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەم بۇنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكا «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» بولۇشنىمۇ قوللىمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، جۇڭگونى قورشاش نىيىتىمۇ يوق دېگەن ئىپادىلەرنى بىلدۈردى. جۇڭگودا «ھەرىكەت سۆزدىن ئەلا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ئامېرىكىنىڭ ۋەدە تىزىملىكى ئۇزىرىغانسېرى، ھەرىكىتىمۇ بۇنىڭغا يېتىشىپ مېڭىشى لازىم، دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولماسلىقى كېرەك.

تارىخ-ئەڭ ياخشى دەرسلىك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، قارشىلاشسا، ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قەيەرگە بارىدۇ دېگەن ھالقىلىق پەيتتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشى بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنياغا بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تونۇش بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت بولۇشى كېرەك

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنياغا بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.