ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىڭشەن سانائەت باغچا رايونى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-17 08:56

جۇڭگو چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىككى سانائەت باغچا رايونىدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ماكانلىشىپ، ھىندونېزىيەدىكى شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا بارغانسېرى زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئاچتى.

ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسى موروۋالى ناھىيەسىدىكى جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسال كەسىپ باغچا رايونىنىڭ چىڭشەن باغچا رايونى كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن، ئىشتىن چۈشۈش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ئاپتوموبىللار، موتوسىكلىتلار كەچكى شەپەق نۇرىدا ماشىنا ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى، ھىندونېزىيەلىك توپ-توپ خىزمەتچىلەر پاراڭلىشىپ ماڭاتتى، پات-پات كۈلكە ساداسى ياڭراپ تۇراتتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ھىندونېزىيەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توققۇز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىككى سانائەت باغچا رايونىغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ماكانلىشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىياتىغا بارغانسېرى زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئاچتى.

ھىندونېزىيەنىڭ قىزىل توپىلىق نىكېل كېنى زاپىسى ۋە مەھسۇلات مىقدارى مول بولسىمۇ، بىراق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش، ھۈنەر-سەنئىتى ئارقىدا قىلىش، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللار شۇ جايدىكى نىكېل پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان ئىدى.

چىڭشەن موروۋالى باغچا رايونىنىڭ مەسئۇلى جاڭ فەن باغچا رايونىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئاساس قىلغان جۇڭگو چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھى 2009-يىلى ھىندونېزىيەگە كىرگەن. 2013-يىلى 10-ئايدا، موروۋالى باغچا رايونىنى قۇرۇش توختىمى ئىمزالىنىپ قۇرۇلۇش باشلاندى. سانائەت باغچا رايونى بىر تەرەپتىن ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق كەمكوسلىرىنى تولۇقلايدىغان جۇڭگو نىكېل-تۆمۈر تاۋلاش كارخانىلىرىنى سانائەت باغچا رايونىغا جەلپ قىلىپ، تەڭ مەبلەغ سېلىپ، خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، تەڭ تەرەققىي قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى، جۇڭگو چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھى ئاساسلىقى ھىندونېزىيەدىن سېتىۋالغان ياكى پاي قوشقان نىكېل كېنى بايلىقىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقارغان داتلاشماس پولات، يىرىك پولات ۋە نىكىلنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياردەم بېرىپ ئىلگىرى سۈرۈشى ئارقىسىدا، ھىندونېزىيە دۇنيادىكى داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلانغان.

نىكېل ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە داتلاشماس پولات ياساشنىڭ زۆرۈر خام ئەشياسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە نىكېل ھىدروگېنلىق باتارېيە ياساشنىڭ مۇھىم تەركىبى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، چىڭشەن جۇڭگو كارخانىلىرى بولغان خۇايوۋ گۇيې ۋە گېلىنمېي بىلەن بىرلىكتە موروۋالى، ۋېيدابېيدىن ئىبارەت ئىككى باغچا رايونىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنىڭ ئۈچ مەنبەلىك ئالدىغا ئىلگىرىلىتىش ماتېرىيالىنى ياساش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوللىدى ۋە قۇۋۋەتلىدى. ھىندونېزىيەنىڭ دېڭىز-ئوكيان ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى لۇخۇت كۆپ قېتىم چىڭشەن باغچا رايونىغا بېرىپ زاۋۇتلارنى تەكشۈرۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە ئىلغار مېتال تاۋلاش ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ھىندونېزىيەنىڭ مېتاللۇرگىيە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بامباڭ سۇريونو مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كارخانىلىرى بايلىق ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا باغچا رايونى قۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆپ تەرەپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھىندونېزىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھىندونېزىيە تەبىئىي بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇردى، ياسىمىچىلىقتا كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ باغچا رايونىغا كىرگەن جۇڭگو كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى، يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق نىكېل بايلىقىغا دەرھال ئېرىشتى. چىڭشەنمۇ چىڭشەن باغچا رايونىغا كىرگەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

ھىندونېزىيەگە ئوخشاش مۇنداق تىروپپىك بەلباغ تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىدە باغچا رايونى قۇرۇش ئەتراپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ دېڭىزدىكى مارجان تاشلار ۋە تىروپپىك بەلباغ بېلىقلىرىدىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

شىمالىي مالۇگۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان چىڭشەن ۋېيدابېي باغچا رايونىغا يېقىن جايدا بىر داڭلىق سۇغا شۇڭغۇش نۇقتىسى بار. شۇ جايدىكى غەۋۋاسلىق تىرېنېرى رويى مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، ۋېيدابېي باغچا رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ يەرگە ناھايىتى كۆپ ساياھەتچىلەر كېلىپ سۇغا شۇڭغۇدى. باغچا رايونى دېڭىز-ئوكيان ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، مارجان تاشلارنى يۆتكەش، مانگرو ئورمىنىنى قوغداش قاتارلىق ئېكولوگىيە تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، بۇ يەردىكى تىروپىك بەلباغ بېلىقلىرى ۋە مارجان تاشلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

ۋېيدابېي باغچا رايونىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى-فىرانسىيە ئېخمان شىركىتىنىڭ ۋەكىلى روبېرتو رودرىگىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باغچا رايونى ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پاسكىنا سۇ ۋە تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلغار سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كان رايونىدىكى پاسكىنا سۇنى كۆپ قېتىم تىندۇرۇپ تازىلىغاندىن كېيىن دېڭىزغا قۇيۇپ بەردى.

رودرىگىس مۇنداق دىدى: باغچا رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىندى، قېزىش رايونىغا قارىتا تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا يېشىللاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى. تۆت يىلدىن كۆپرەك تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەرنىڭ تاغلىرى يەنىمۇ يېشىللاشتى، سۇلىرى سۈزۈكلەشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، چىڭشەندىكى ئىككى سانائەت باغچا رايونى مەبلەغ سېلىپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇ ئىككى سانائەت باغچا رايونى ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئۈچ مەنبەلىك باتارېيە ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن سانائەت باغچا رايونى باتارېيە خام ئەشياسى ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتۈنلەي پاكىز تېرىلمە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بەرمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. كەلگۈسىدە باغچا رايونى يەنە سۇ كۈچى بىلەن توك تارقىتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، پاكىز ئېنىرگىيە تەمىناتى كاپالىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.

چىڭشەن تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، باغچا رايونى كىرگۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ماتېرىيالى تۈرىگە نەملەش ئۇسۇلىدىكى ئىلغار مېتاللۇرگىيە تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر بىر توننا نىكېل ئىشلەپچىقىرىشتىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئەنئەنىۋى قىزىتىش تېخنىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %60 تىن كۆپرەك ئازايغان.

بامباڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانى ۋە يېشىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارى بار.

تەڭ تەرەققىي قىلىش، يەرلىككە بەخت يارىتىش-«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تۈرلىرىدە پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىۋاتقان ئىدىيە. ئىگىلىنىشچە، ھازىر چىڭشەننىڭ ئىككى باغچا رايونىدا ئىشلەۋاتقان ھىندونېزىيەلىك ئىشچى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن، باغچا رايونى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سودا يانداش كەسىپلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىگە ئايلانغان.

چىڭشەن ۋېيدابېي باغچا رايونى جايلاشقان شىمالىي مالۇگۇ ئۆلكىسىنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.4 ئېشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئۆلكىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرى ۋېيدابېي باغچا رايونى ۋەكىللىكىدىكى كانچىلىق ۋە ياسىمىچىلىق-بۇ ئۆلكە ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىدى.

لېلىلېف ساۋايى كەنتىنىڭ باشلىقى فرىلېكس ئالبابېن باغچا رايونىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ سودىسى كۈنسېرى جانلاندى، كىرىش-چىقىش يوللىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، كەنتىمىز ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق كەنتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان تاغ ئارىسىدىكى كىچىك بازارغا ئايلاندى.

ۋېيدابېي باغچا رايونى يەنە يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۇستازلار شاگىرتلارنى يېتەكلەش»، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھىندونېزىيەلىك خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلىدى. ھازىرغىچە باغچا رايونى يەرلىككە 13 مىڭدىن ئارتۇق تېخنىكنى تەربىيەلەپ بەردى.

باغچا رايونى ئەتراپتىكى كەنتلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش، مەكتەپ سېلىش ۋە پۇتبول مەيدانى ياساش، شۇ جاينىڭ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۆيۈەن تەسىس قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ياتاق ۋە پىراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلەشكىچە، شۇ جاي بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، شۇ جايدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

موروۋالى باغچا رايونىنىڭ 27 ياشلىق تېخنىك مەسئۇلى فتىرىيانى: چىڭشەن باغچا رايونى كىشىلىك تۇرمۇشۇمغا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، كىشىلىك قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم، بۇ يەر مېنىڭ ئائىلەم، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىڭشەن سانائەت باغچا رايونى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

جۇڭگو چىڭشەن پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىككى سانائەت باغچا رايونىدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ماكانلىشىپ، ھىندونېزىيەدىكى شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا بارغانسېرى زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئاچتى.