ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساندىياگا ئونو: جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى يولۇچىسى بولۇشنى كۈتمەكتىمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-17 08:59

ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت ۋە ئىجادىي ئىقتىساد مىنىستىرى ساندىياگا ئونو يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت ۋە ئىجادى ئىقتىساد مىنىستىرى ساندىياگا ئونو 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

ئونو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ يېشىل ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھىندونېزىيەگە كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

ئونو ياسىلىۋاتقان جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۇتىشىدىغان جاكارتا بىلەن باندۇڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئىككى مۇھىم مەركىزى شەھىرى بولۇپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى جاينىڭ قاتناش ۋاقتى ھازىرقى ئۈچ سائەتتىن 40 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ.

ئونو مۇنداق دېدى: باندۇڭ ۋە مەن تۇرۇشلۇق غەربىي ياۋا ئۆلكىسى ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت بازارلىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى 120 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى بارىدۇ. جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ھازىرقى ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈچلۈك تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. مەن جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى يولۇچىسى بولۇشنى كۈتمەكتىمەن.

ئونو ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەتچىلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىگە غايەت زور زەربە بولدى، بىر مىليونغا يېقىن ئىش ئورنى تەسىرگە ئۇچرىدى، شۇڭا، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئونو ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، ئىجادىي ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئونو مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيەدىكى نۇرغۇن رەقەملىك تاراتقۇ كەسىپكارلىرى جۇڭگونىڭ رەقەملىك تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، ئىجادىي ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بار، بۇ قوش پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساندىياگا ئونو: جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى يولۇچىسى بولۇشنى كۈتمەكتىمەن

جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ يېشىل ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھىندونېزىيەگە كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.