توقايېف: قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ
قازاقىستان زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، توقايېف قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. توقايېف ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: قازاقىستان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. قازاقىستان دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، ئىجابىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، جۇڭگو قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت