ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئونى زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-29 13:36
 ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئونى يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
 ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئو جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ يىل 9-ئايدا » فۇكۇدا ياسىئو ماقالىلىرى-دۇنيا تىنچلىقىغا ئىنتىلىش«ناملىق يېڭى كىتابىنى نەشر قىلدۇردى ھەمدە خەنزۇچە نۇسخىسىنى چىقاردى. فۇكۇدا ياسىئو يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بۇ كىتابتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
بۇ كىتابقا فۇكۇدا ياسىئونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى نۇتۇقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، فۇكۇدا ياسىئونىڭ ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەت بىلەن ئاسىيا، ئىككى دۆلەت بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇلاھىزىسى خاتىرىلەنگەن ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن،  ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.
فۇكۇدا ياسىئو مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭلا تەرەققىياتى ياخشى بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى كەمچىل بولسا، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدۇ، ئۆزىمىزگىمۇ ياخشى ئەمەس. دۇنيا تىنچلىقى قوغدالغاندىلا، بىر دۆلەت بىخەتەر، مۇقىم مۇھىتتا ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلالايدۇ.
فۇكۇدا ياسىئو مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تىنچ، مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلىشى ئاسىيا رايونى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇشى كېرەك.
 1978-يىلى فۇكۇدا ياسىئونىڭ ئاتىسى فۇكۇدا جاۋفۇ باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە-جۇڭگو تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزگەن.
كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقىنىڭ  45 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ. ساغلام، مۇقىم بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق بەرپا قىلىش فۇكۇدا ياسىئو ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كەلگەن مەسىلە. فۇكۇدا ياسىئو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلالايدۇ. ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، قانداق قىلغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىنىش كېرەك.
فۇكۇدا ياسىئو مۇنداق دەپ قارىدى: ياپونىيە-جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىق ئەلۋەتتە مۇھىم، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. فۇكۇدا ياسىئو »ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئاپپاراتى«نى باش بولۇپ قۇرغان، ئۇ ياشلارنى مەركەز قىلغان ھالدا، ياپونىيە-جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئونى زىيارەت

 ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسىئونى يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تايانچ كۈچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.