ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاشكارا يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-29 15:28

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاشكارا يىغىن ئاچتى. جۇڭگو ۋەكىلى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە،  ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوق دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى تول ۋېنىسلان نۆۋەتتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنى قىسقىچە دوكلات قىلدى. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئىسرائىلىيەدە ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى دېدى. ئۇ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىش كېرەك، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە سىياسىي يول مەسىلىسىدە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەقەنىڭ كەسكىنلىشىپ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىدى.

جۇڭگو مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى كىشىلەر ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك، قايتا قۇرۇش ئەشيالىرىنىڭ كىرىپ چىقىشىغا بولغان چەكلىمىنى بوشىتىپ، غەززە رايونىغا بولغان قامال ۋە مۇھاسىرىنى تېزدىن بىكار قىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن مەھەللىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پەلەستىنگە ياردەم بېرىپ، پەلەستىننىڭ مالىيە كىرىزىسىنى پەسەيتىشىگە ياردەم قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاشكارا يىغىن ئاچتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى تول ۋېنىسلان نۆۋەتتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنى قىسقىچە دوكلات قىلدى.