ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى پارلاق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-30 08:51

يېقىندا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(OECD)ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى «ئىقتىسادقا نەزەر دوكلاتى»دا مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلىغا بارغاندا، ئاسىيادىكى ئاساسلىق گۈللەنمە بازارلار يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىشىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمغا يېقىنىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاقىتلىق باش ئىقتىسادشۇناسى ئالۋارو: كېلەر يىلى ۋە كېيىنكى ئىككى يىلدا، ئاسىيا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ماتورغا ئايلىنىدۇ، دېدى.

سىنگاپور «سودا ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ئامېرىكا مورگان سىتانلى شىركىتىدىكى ئىككى ئاسىيالىق ئىقتىسادشۇناسنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئوخشاش كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى 2023-يىلى كۈچلۈك ئىچكى ئېھتىياجغا تايىنىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشى كۆپ خىل ئامىللارنى ئاساس قىلغان.

بىر تەرەپتىن، بۇ يىلقى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، دۇنيادىكى باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاسىيادا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىش نىسبىتى نىسبەتەن ئاز، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى نىسبەتەن مۆتىدىل بولغان. بۇ يىل 8-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا يەنىلا پۇل پاخاللىقى كۈچلۈك ھالىتىدە تۇرغان پەيتتە، تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاسىيادا پۇل پاخاللىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، تەدرىجىي تۆۋەنلەشكە باشلىدى. پەرق شۇكى، ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ئاساسلىقى كۈچلۈك ئېھتىياج ۋە جىددىي تەمىنلەشتىن كېلىدۇ، ئاسىيانىڭ بايلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى يوچۇق ئامېرىكا، ياۋروپانىڭكىدىن كىچىك، ئېنېرگىيە بايلىقىغا تايىنىشمۇ ئامېرىكا، ياۋروپانىڭكىدىن تۆۋەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خالىغانچە قويۇۋېتىشىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇل سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش دەرىجىسىنى نىسبەتەن كونترول قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيانىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئامېرىكا، ياۋروپانىڭكىدىن كىچىك بولۇپ، پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى.

 يەنە بىر تەرەپتىن، رايون ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بۇ يىل 1- ئايدا «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»(RCEP) كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلدى، بۇ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد -سودا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» رامكىسى ئىچىدە، رايوندىكى ئەزا دۆلەتلەر تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي جۇغلانما قائىدىسى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، رايون ئىقتىساد-سودىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن كەڭ رايون بازىرى، تېخىمۇ زىچ، مۇقىم كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە تېخىمۇ ئاشكارا، قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كەلدى.

جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد قوشتى. نۆۋەتتە، يۇقۇم ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، «جۇڭگو ـ ياپونىيە ـ كورېيە +» ھەمكارلىق ئەندىزىسى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، جۇڭگو مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: بىز ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ رايون كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇ ئاسىيا ھەتتا دۇنياغا زور ئۈمىد ئاتا قىلدى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كەسىپ ئىش تەقسىماتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاسىيا ياخشى بولسا دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇپ، «ئاسىيا مۆجىزىسى» نى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا دۇنيا مىقياسىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونغا ئايلاندى. كەلگۈسىدە، جۇڭگو باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيانى داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، ئاسىيانىڭ ئەۋرىشىملىكى، ئەقىل-پاراسىتى، كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پەللىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى پارلاق

ئاسىيا ياخشى بولسا دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇپ، «ئاسىيا مۆجىزىسى» نى ياراتتى