ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-04 15:52

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ «ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلىشىش».

فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، فىرانسىيە كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىئېر لوران كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونى بىر نەچچە يىلدا بىر كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگو سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدى. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بېسىپ ئۆتكەن يولى. كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، ئۆز قەرەلىدە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەدىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

لاتۋىيەلىك قىز ئانزې جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا چەتئەللىك رىياسەتچى بولغان. ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى. ئانزې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 10 نەچچە يىل ئىلگىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بەيسې شەھىرىدىكى نايەنگۇ كەنتىگە بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلان، ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ خىل قاتناش قوراللىرىغا ئالمىشىشقا، يەنە تاغ يولىدا نەچچە سائەت مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ماڭا نامرات رايوندا ئولتۇراقلاشقان ھەر بىر كىشىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنىڭ مۈشكۈل ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئانزې مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ساياھىتى، بىۋاسىتە مال يەتكۈزۈش ...جۇڭگو كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كەنتلەر كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.

سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گۇ چىڭياڭ مۇنداق دېدى: قاتناش، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش، مائارىپ، داۋالاش ......نامرات رايونلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە كاپالىتىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلار جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاجىزلار توپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ماڭماقتا.

ئاۋسترالىيە سىدنېي داشۆسى جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى داۋىد گۇدمان ئىلگىرى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ياشىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى، يولى ۋە ئەندىزىسىنىڭ مۇئەييەن قائىدىسى يوقكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەكىتلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى برونو گېگ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆز كۆز قارىشى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، مەسىلەن، «تەرەققىيات دېگەن نېمە»، «دېموكراتىيە دېگەن نېمە»، «دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىش دېگەن نېمە؟». جۇڭگو بۇلارغا ئوخشاش بولمىغان جاۋاب بەردى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى

لاتۋىيەلىك قىز ئانزې جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا چەتئەللىك رىياسەتچى بولغان. ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى. ئانزې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: