ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىنى ماختىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-26 15:55

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2 باسقۇچلۇق يىغىنىدا 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە «كۈنمىڭ مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» ماقۇللاندى. يىغىنغا قاتناشقان زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى:«رامكا» يىغىننىڭ ئەڭ ۋەكىللىك، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى، جۇڭگو «رامكا»نىڭ ماقۇللىنىشىدا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ب د ت تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىس» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماقۇللانغان «رامكا» كۆپلىگەن مۇھىم نىشانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھازىر چوقۇم قوللىنىشقا تېگىشلىك ھەرىكىتى، كونتروللۇقىنى يوقاتقان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى يوقىتىش يۈزلىنىشىنى توسۇش، شۇنداقلا قانداق قىلىپ مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەش، «رامكا» نىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە دوكلات قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئىلزابىت مۇرېما مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ، «رامكا» كېڭىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپىنى تۈگىتىپ، ياخشى رەھبەرلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

كانادا مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ستېۋىن گىلبو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك «رامكا» نى ماقۇللىدى. «رامكا» ھاسىل قىلىش ئالغا قاراپ تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم، «تەبىئەتنى، بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋانى، ئىچىۋاتقان سۇنى قوغدايلى، بۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى يىڭئې ئاننوسۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەر شارىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش جەھەتتە ئىزچىل ئىنتايىن قەتئىي بولۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىپادىسى «ئادەتتىن تاشقىرى» بولدى.

ئاننوسۇن جۇڭگونىڭ يەنە «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەھدىنامىسى» ۋە «نەم يەر ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ باھا بېرىپ: «خەلقئارا قاتلامدا، جۇڭگو رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى» دېدى.

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىندا بىرازىلىيەنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى، بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لېئوناردو دېئاتېد مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل ئىنتايىن مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. مەيلى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە بولسۇن، جۇڭگو دۇنيانىڭ مۇھىم مۇھىت قوغدىغۇچىسىغا ئايلانماقتا.

پاۋلسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈرىنىڭ باش نازارەتچىسى نيۇ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئىدىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش جەھەتتە قوللانغان ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئالدىم.

دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى برونو ئوبولې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۇقۇمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ ئۇقۇمدىن پۈتۈن دۇنيا بىلەن پائال بەھرىمەن بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان ئۇزاق مۇددەتلىك تۆھپىسى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىنى ماختىدى

ب د ت تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىس» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.