ئامېرىكىنىڭ قانۇن لايىھەسى تېز سۈرئەتتە «ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈش»ىنىڭ كەينىدە نېمە بار؟
بۇ يىل ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت زور سوممىلىق قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. ئىككى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇرۇشۇپ پوكاندەك قىزىرىپ كەتسىمۇ كەسكىن ئىختىلاپنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇلار كېلەر يىلى يەنە جەڭ قىلىمىز دەپ جار سالدى، ئاندىن مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قانۇن لايىھەسىنى زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇپ كۈچكە ئىگە قىلىشىغا تاپشۇرماقچى بولدى، بۇ پەقەت قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە سائەتتىن كېيىنكى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت نۆلدە مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن توختاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا كېيىنكى مالىيە يىلىدىكى ئۇنىۋېرسال پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسى-ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «يىللىق چوڭ ئويۇنى» دەپ مۇنازىرە قىلىنىدۇ. بۇ يىللىق قانۇن لايىھەسى تۆت مىڭ بەتتىن ئارتۇق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنت ئەزالىرىغا قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن مۇنازىرە ۋە بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلدى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنى ناھايىتى تېز ئوقۇپ چىقىش كېرەك، بولمىسا بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوقۇپ تۈگىتىش تەسكە توختايدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە نامدا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن «ئەتكەس ماللار» قىستۇرۇلغان.
ئەمەلىيەتتە، ئىككى يىل ئىلگىرىلا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ خىل «يۇقىرى چەك مەشغۇلات»دىن توختىماي ئاغرىنغان ئىدى. نىيۇيورك ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئالېكساندىرىيە ئوكاسىئو كورتېس پارلامېنت ئەزالىرى قانۇن لايىھەسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە ئەسلا ئامالسىز، بۇ-قانۇن چىقىرىپ ئىدارە قىلىش ئەمەس، بۇ-تۇتقۇن قىلىپ ئىش قىلغانلىق دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مىسلىسىز قارشىلاشتى، سىياسىي كۆز قاراشتىكى ئېغىر ئىختىلاپ ئىككى تەرەپنىڭ ئاچقۇچلۇق قارالمىلاردا مۇرەسسە قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنىڭ ۋاقتىدا «ماقۇللىنىشى»غا تەسىر يەتكۈزدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشتىن توختاپ قېلىش» ئەھۋالى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى. بۇ يىلقى ئەھۋال ئوخشاشلا خەتەرلىك.
يەنى 12-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى، ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قىسقا مۇددەتلىك پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنى بىر ھەپتىلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى؛
12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2023-مالىيە يىلىدىكى ئۇنىۋېرسال پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا تەستە ماقۇللاندى، بۇ چاغدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ۋە زۇڭتۇڭنىڭ ئىمزا قويۇشىغا قالدۇرۇلغان ۋاقىت ئىككى كۈنگە يەتمىدى؛
12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى تېخىمۇ كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشتىن توختاش» كۈلكىلىك ئويۇنىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى. ئەمما، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئاساسەن پارتىيە -گۇرۇھلار بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، پەقەت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن توققۇز كىشى ئۆز ئىچىدىن قارشى چىقىپ قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بىر كىشى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى؛ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمزا قويۇش تەرتىپىنى تاماملاشقا قالدۇرۇلغان ۋاقىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، بايدىن ئامالسىز يەنە بىر قىسقا مۇددەتلىك پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر ھەپتە يۈرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بايدىن روژدېستۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن بۇ پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويىدۇ.
ئۇنىۋېرسال پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسى كېيىنكى مالىيە يىلىدا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ يۈرۈشۈش مەبلىغىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەسكىنلىكى ۋە مۇھىملىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. ئەمما، ئىككى پالاتا ئەزالىرى چوقۇم بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشى، چۈشىنىشى ھەم مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئاۋاز بېرىشى كېرەك. پارلامېنتنىڭ بۇ خىل ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان «بازارغا ئۈلگۈرۈش شەكلىدىكى» مەشغۇلاتى ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىش فۇنكسىيەسىنىڭ ناھايىتى كاردىن چىققانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى روئىن جونسون بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بەردى. ئاۋاز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: ھېچكىمنىڭ بۇنداق ئۇزۇن قانۇن لايىھەسىنى ئوقۇپ بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، قانۇن لايىھەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن غايەت زور مالىيە قىزىل رەقىمىگە پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنىمۇ ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. مېنىڭچە، قانۇن لايىھەسىگە چېتىلىدىغان ئاساسلىق سىياسەت مەزمۇنىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ۋاشىنگتوننىڭ ئىقتىدارىدىن قېلىشى ۋە ئەدەپسىزلىكى پۈتۈنلەي يېڭى پەللىگە يەتتى.
شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، ئىككى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنى قوللاش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىگە يادرولۇق بولمىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇزۇن ھەم سوممىسىنىڭ غايەت كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭغا ئوخشاش مەشغۇلات ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش جەريانىدا دائىملىق ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىگە كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ليۇ يۈنپىڭ تەييارلىغان «تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خاتا تۇتۇپ قېلىشنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» كىرگۈزۈلدى. «ۋول كوچىسى گېزىتى» بۇلتۇر 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر تىرىليون 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن قۇتقۇزۇش قانۇن لايىھەسىدە، يۇقۇم بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك چىقىم پەقەت 825 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئېشىپ قالغان بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئاساسلىق مەبلەغنىڭ «تەرەققىيپەرۋەر پارلامېنت ئەزالىرى تەشەببۇس قىلغان تۈرلەرنى كېڭەيتىشكە ياكى باشقا مۇناسىۋەتسىز سىياسەت ئۆزگىرىشىگە چېتىشلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلگەنلىكى»نى بايقىدى.
ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىكارتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى مۇنازىرىدە يېرىم سائەتلىك ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ، يېڭى مالىيە يىلىدىكى پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىدە پۇلنىڭ دەل جايىغا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، گەرچە چىقىم غايەت كۆپ بولسىمۇ، بۇ قانۇن لايىھەسى پەقەت ئامېرىكىنىڭ چېگرا كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، پۇل پاخاللىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ دېدى.
ئەتكەس ماللارنى قىستۇرۇۋېلىش، ئۈنۈمى ئاتالمىش «ئاجايىپ يۇقىرى» بولۇش، تۈزۈم خاراكتېرلىك كاردىن چىقىش-ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانۇن لايىھەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە «ماقۇللىنىشىنىڭ» كىشىلەردە قالدۇرغان غەلىتە تەسىرى. 11 كۈندىن كېيىن-يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنى ئېچىلىدىغان كۈن. شۇ چاغدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى ئورۇن ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىدۇ. شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، «پارچىلانغان پارلامېنت» ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىككى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پوكاندەك قىزىرىپ كېتىدىغان ئەھۋال چوقۇم داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمان:ئابدۇللا موللا