ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەنىڭ 2023-مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە خام چوتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-27 11:29

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 12-ئانىڭ 23-كۈنى كابىنېت يىغىنىدا 2023-مالىيە يىلىدىكى ھۆكۈمەت خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇداپىئە خامچوتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 6 تىرىليون 821 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنىغا يېتىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىنىڭ 1.26 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ياپونىيەنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچ ھۆججىتى ئاساسىدا تۈزگەن «ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش خامچوتى» بولۇپ، خەلقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

مۇداپىئە خامچوتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىدىن قارىغاندا، 2023-يىللىق مالىيە يىلىدا يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئوق-دورا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان خىراجەت كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئېرىشىش ۋە ئالاقىدار خامچوت بىر تىرىليون 400 مىليارد ياپونىيە يېنىغا يەتكەن، ئامېرىكىدا ياسالغان «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىۋېلىش خامچوتى 211 مىليارد 300 مىليون ياپونىيە يېنى بولغان. مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش خامچوتىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ، 896 مىليارد 800 مىليون ياپونىيە يېنىغا يېتىپ، 2022-يىللىق مالىيە يىلىدىكىنىڭ 3.1 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش خامچوتى 2 تىرىليون 305 مىليارد 500 مىليون ياپونىيە يېنى بولۇپ، 2022-مالىيە يىلىدىكىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ياپونىيە يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسى»، «دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى» ۋە «مۇداپىئە كۈچلىرىنى تەرتىپكە سېلىش پىلانى» دىن ئىبارەت ئۈچ بىخەتەرلىك كاپالىتى سىياسەت ھۆججىتىنى رەسمىي ماقۇللاپ، ياپونىيەنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش قاتارلىق سىياسەت تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كەلگۈسى بەش يىللىق ھەربىي چىقىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى. ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان مالىيە يىلىدا، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 43 تىرىليون ياپونىيە يېنىغا كۆپەيتىلىدىكەن.

يۇقىرىقى بەش يىللىق پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2023-يىللىق مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە خىراجىتى ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىدىن بىر تىرىليون 421 مىليارد 400 مىليون ياپونىيە يېنى ئاشقان، يۇقىرى سوممىلىق مۇداپىئە خىراجىتى ئاممىۋى ئىشلار خىراجىتى ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىلىم-پەننى گۈللەندۈرۈش خىراجىتىدىن ئېشىپ كېتىپ، تۇنجى قېتىم 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت خىراجىتىدىن قالسىلا 2-ئورۇنغا ئۆتكەن، ئۇنىڭ ياپونىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.19 كە يەتكەن.

ياپونىيە ئاساسىي قانۇن ئالىملىرى ۋە سىياسىي ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن ئاساسىي قانۇن چىقىرىش دېموكراتىك كېڭىشى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىق، باجنىڭ خەلققە ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان يۈكى بىلەن پۈتۈنلەي كارى بولمىغانلىق، دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت «دۈشمەن بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش» نى يېڭى نۇسخىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچ ھۆججىتىگە كىرگۈزدى، بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن يولغا قويۇلغان «مەخسۇس قوغدىنىش» پىرىنسىپىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە ياپونىيە كومپارتىيەسىنىڭ شۇجىسى شياۋ چىخۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023-يىللىق مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە خامچوتى «مەخسۇس مۇداپىئە كۆرۈش» پىرىنسىپىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇداپىئە سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچ ھۆججىتى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش خامچوتى، ئاساسىي قانۇن ۋە تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ ناچار خامچوت.

ياپونىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: مۇداپىئە راسخوتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى يوق، ھۆكۈمەتنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن ئەھۋالدا مەجبۇرىي ماقۇللىشى مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش. مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى يېڭىدىن تارقىتىلغان دۆلەت زايومىغا تايىنىپ مالىيە مەنبەسىنى تولۇقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا غايەت زور مالىيە يۈكى قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇداپىئە خامچوتى رايونلارنىڭ داۋالاش، بالا تەربىيەلەش سىياسىتى ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مالىيە چىقىمىنى ئىگىلىۋېلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي، ئۆزىنىڭ مالىيە كۈچىگە قارىماي مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىش خامچوتىنى مەجبۇرىي ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ چەكسىز ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. باش ماقالىدە يەنە قوغدىنىش قىسمىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاش ساقلىيالماسلىقى ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى خەتەرلىك دەپ كۆرسىتىلدى.

كىيودو ئاگېنتلىقى يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىنى 43 تىرىليون ياپونىيە يېنىغا كۆپەيتىشنى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا بىر تۈرلۈك جامائەت پىكرى تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %53.6 ياپونىيە پۇقراسى مۇداپىئە راسخوتىنى كۆپەيتىشكە قارشى تۇرىدىكەن، %39ى قوللايدىكەن.

ياپونىيە شەنكو داشۆسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىتقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى تەھدىت سېلىشقا قۇترىتىپ، مۇداپىئە خىراجىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «يېڭى مىلىتارىزم» يولىدا ماڭغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدە ئېغىر دەرىجىدە كىچىك تۇرۇپ قېرىلىشىش ئىجتىمائىي مەسىلىسى مەۋجۇت، ھەربىي خىراجەتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش پەقەت نامراتلىق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي چوڭ دۆلەت يولىدا ماڭغانلىقى نامراتلىق يولىدا ماڭغانلىق بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەنىڭ 2023-مالىيە يىلىدىكى مۇداپىئە خام چوتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 12-ئانىڭ 23-كۈنى كابىنېت يىغىنىدا 2023-مالىيە يىلىدىكى ھۆكۈمەت خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇداپىئە خامچوتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 6 تىرىليون 821 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنىغا يېتىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىنىڭ 1.26 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.