ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا خەلقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-29 09:34

يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2022-يىللىق سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا كۆچمە ئىقتىسادى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدا 500 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆچمە مۇلازىمەت زاكاز قىلغان، كۆچمە ئابۇنىتلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %46 بولغان. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلىغىچە، بۇ رايوندا 613 مىليون ئادەم كۆچمە مۇلازىمەت زاكاز قىلىدىكەن، ئابۇنىتلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %50كە يېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يېرىمدىن ئارتۇق يېڭى ئابۇنىت نىگېرىيە، ئېفىيوپىيە، كونگو (كىنشاسا)، تانزانىيە ۋە كېنىيەلىك ئىكەن.

نىگېرىيە ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ئومۇمىي نوپۇسى 210 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇس قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياش، ئوتتۇرىچە يېشى تەخمىنەن 18 ياش، ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. نىگېرىيە ھۆكۈمىتى رەقەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى دەپ قارىدى ھەمدە بىر قاتار ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

2019-يىلى 8-ئايدا، نىگېرىيە «دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى باشلاپ، «نىگېرىيەنىڭ 2020-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان رەقەملىك ئىدارە قىلىش ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرى»نى يولغا قويدى. شۇ يىلى 10-ئايدا نىگېرىيەنىڭ خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ نامى خەۋەرلىشىش ۋە رەقەملىك ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش. 2020-يىلى 3-ئايدا نىگېرىيە دۆلەتنىڭ 2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان كەڭ بەلباغ پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەسى دەپ بېكىتتى. بۇ يىل 6-ئايدا، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت زۇڭتۇڭ كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملىك تېخنىكىنى ئېچىش، قوللىنىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نىگېرىيەنىڭ سودا قولايلىقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەڭ بەلباغقا ئۇلاش ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسى يۇقىرى، ئۆتۈشچانلىقى تۆۋەن بولۇپ، ئىلگىرى نىگېرىيەنىڭ رەقەملەشكەن تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر چوڭ توسالغۇ ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان نۇرغۇن جۇڭگو ماركىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ نىگېرىيە بازىرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، نىگېرىيەنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىشىشكە باشلىدى. نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ 2022-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 8 مىليون دانە بولۇپ، بازار ئۈلۈشى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چۇەنيىننىڭ 2022-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى تەخمىنەن %60، باشقا جۇڭگو ماركىلىرى مەسىلەن شياۋمى، OPPO،vivo قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي بازار ئۈلۈشى تەخمىنەن %20 بولغان.

نىگېرىيەلىك نوپۇزلۇق تاراتقۇ خادىمى ئايمېئۇ مۇنداق دېدى: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يادرولۇق تەركىبىي قىسمى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئافرىقىنىڭ %84تىن ئارتۇق ئىنتېرنېتقا ئۇلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭگو كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا خەلق ئاممىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان قىلدى. نىگېرىيە فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايغىچە نىگېرىيە كۆچمە ئىنتېرنېت ئابونتى 150 مىليوندىن ئاشقان، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى تەخمىنەن %70كە يەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ياردىمىدە، نىگېرىيە خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، خۇاۋېي شىركىتى نىگېرىيە ئۈچۈن «سامانيولى غول تورى»نى لايىھەلەپ، قۇرۇپ، غول تورنى ئاساس قىلغان تور خەۋەرلىشىش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. خۇاۋېي شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان G5 تورى نىگېرىيەنىڭ تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

جۇڭگو كارخانىلىرى يەنە ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى، مال سېتىۋېلىش، كىنو مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشقا پائال قاتنىشىپ، نىگېرىيە ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نىگېرىيەدىكى ئىنتېرنېت تاراتقۇسى بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچى سىتىفىن مۇنداق دېدى: ئافرىقىدىكى «كىرېمنىي جىلغىسى» دەپ نام ئالغان نىگېرىيەنىڭ ئىقتىساد مەركىزى لاگوستا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى بۇ شەھەرنىڭ ئافرىقىدىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان بازارغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن داڭلىق يەرلىك ئىنتېرنېت كارخانىلىرى بارلىققا كېلىپ، نىگېرىيەنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. نىگېرىيەلىك خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئوۋى مۇنداق دەپ قارىدى: نىگېرىيەنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى ئىنتايىن كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى بىزنى ناھايىتى ياخشى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا خەلقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان قىلدى

يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2022-يىللىق سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا كۆچمە ئىقتىسادى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدا 500 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆچمە مۇلازىمەت زاكاز قىلغان، كۆچمە ئابۇنىتلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %46 بولغان.