كەلگۈسىدە جۇڭگو تىرىلمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇلغىما ئازايتىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇۋېتىپتۇ، شۇڭا 2030-يىلىغا بارغاندا 1200 گىگاۋاتلىق ئېكولوگىيەلىك پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2022-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە، جۇڭگو يەر شارىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تىرىلمە ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئازايتقان تەقدىردىمۇ، جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيەسى كەلگۈسى بەش يىلدا يەنىلا داۋاملىق ئاشىدىكەن.
جۇڭگو دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 90 مىليون 360 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %78.8ئىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 15 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون 240 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق چىقىرىلغان توك 52 مىليون 600 مىڭ كىلوۋات، بىيوماسسا ئارقىلىق چىقىرىلغان توك 2 مىليون 620 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %13.9، %16.8، %45.8 ۋە %2.3 ئىنى ئىگىلىگەن. ئوخشاش مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارى بىر تىرىليون 940 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تەرەققىياتى سىجىل، مۇقىم، تېز ئاشقان.
جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە كەسپى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، چوڭلۇقتىن كۈچىيىپ، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ «سان ئۆزگىرىشى»دىن «سۈپەت ئۆزگىرىشى»گە ھالقىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ تەرەپلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىساد قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىر قەدەر مۇكەممەل شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكا كەسپى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇستەقىل لايىھەلەش، ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى توپلاشتۇرۇپ ياساش تېخنىكىسى شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تەننەرخىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، كەسىپ رىقابەت كۈچى سىجىل ئاشتى، ئېنېرگىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ يادرولۇق ھالقا بولۇپ قالدى. شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئاساس قىلغان تىرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. خەلقئارا قاتلامدىن ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خەلقئارا مەسئۇلىيىتىگە كۈنسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. 2020-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىغىچە چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060-يىلىغىچە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز بىر قاتار يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تەرەققىياتى «باشلامچى» ئورۇندا تۇرماقتا. جۇڭگونىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، بىيوماسسىلىق توك چىقىرىش گېنېراتورلار ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى توپى، ئەڭ چوڭ قوللىنىشچان بازار، ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت، ئەڭ كۆپ كەشپىيات ۋە قوللىنشىچان پاتېنتقا ئىگە دۆلەت ھەمدە ئەڭ چوڭ مەھسۇلات ئېكسپورت دۆلىتى قاتارلىق بىر قاتار شەرەپلەرگە ئېرىشتى. خەلقئارا ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %80 تىن ئېشىپ كەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2025-يىلىغىچە، بەزى ئالاھىدە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %95تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە بازىرى ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىق دۆلىتى بولغان جۇڭگو تىرىلمە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى، كەسىپلىرى يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تۈرىگە سالغان مەبلىغى سىجىل ئېشىپ، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىلغار يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشىگە پائال ياردەم بېرىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئېنېرگىيەسىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھازىر جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلات ئېكسپورتى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە مەركەزلىشىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ كەڭ بازار تاپتى. جۇڭگو بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىرىلمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يەر شارى مىقياسىدىكى ئېنېرگىيە نامراتچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۆرۈنەرلىك ياردەم بەردى. بولۇپمۇ دۆلەت زېمىنى بىر قەدەر كىچىك، ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بىر قەدەر تۆۋەن، دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئېلېكتىر تورى تېخى تەرەققىي قىلمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تىرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى، جانلىقلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. كەلگۈسىدە، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە، ئەنئەنىۋى تاشقاتما ئېنېرگىيەنى خام ئەشياغا ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇلغىما ئازايتىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت