رۇسىيە دونېتسك قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە زەربە بەردۇق دېدى، ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسى خادىملىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدۇق دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى: رۇسىيە ئارمىيەسى خاركوف، دونېتسك قاتارلىق جايلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خادىملىرى، قورال-جابدۇقلىرى ۋە چەت ئەل ياللانما ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق تايانچ پونكىتلىرىغا زەربە بەردى، دېدى. ئۇكرائىنا 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسى خادىملىرى ۋە قورال-جابدۇق يىغىلىش نۇقتىسىغا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، دېدى. ئۇكرائىنا يەنە رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ كۆپ جايلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى، ئۇكرائىنا مەملىكەت بويىچە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بەردى، دېدى. 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، كىيېۋ ئوبلاستى ۋە كىيېۋ شەھىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ قاماپ قويۇلغان 222 خادىمىنى ئالماشتۇردى.
ئامېرىكا ئەربابلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت