ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدا رېكورت يارىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-02 10:37

ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى يېقىندا 2023-مالىيە يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ئاۋازغا قويۇپ تەستىقلىدى. قانۇن لايىھەسىدە ھوقۇق بېرىلگەن 2023-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى رېكورت يارىتىلغان 857 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ئىلتىماسىدىكى 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى ھوقۇق بېرىش سوممىسىدىن 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپ بولدى. كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى»، «ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك تېخنىكا»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قورال-جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار دىققەتنى قوزغىغان.

فىرانسىيە 24-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 11 گە قارشى 83 مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى بايدىن ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تېڭ جيەنچۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مىسلىسىز بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، يەنى ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا سىياسىي سەرخىللىرى كەلگۈسى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى قوغداشنى نەزەردە تۇتۇپ، خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى، تاشقى سىياسىتىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى»نى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى؛ ئامېرىكا سودا مەنپەئەت گۇرۇھى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى تېخىمۇ كۆپ كۆزلەپ، ياۋروپادىكى سودا پايدىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىي ۋەزىيىتىدىن ئۈزلۈكسىز پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. شۇڭا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ياۋروپا رايونىدا «ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىش» ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى لى جېڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ 2023-مالىيە يىلىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن خامچوتى ئىچىدە، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ساھەنىڭ ھەربىي خىراجىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى: ھەربىي ئىشلار ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدە تەتقىقات ئومۇمىي مەبلەغ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن تەخمىنەن%20 ئاشتى؛ دېڭىز ئارمىيەسى ساھەسىدە، دېڭىز ئارمىيەسى ئالاقىدار پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئەھۋالدا، پورتېر دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوت، دېڭىز بازىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى پىلانىنى كۆپەيتتى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ئومۇمىي تەمىنات زەنجىرى ساھەسىدە، تەمىنات زەنجىرىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە خېلى زور مەبلەغ سېلىنىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ھەربىي تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشىنى قوغداش ۋە ئارقا سەپ سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىلدى.

لى جېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىكى ئامىلنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىگە ئۇچرىدى. بىرىنچى، ئامېرىكىدا ھازىر ئۆرلەۋاتقان پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى بىۋاسىتە سەۋەب. ئىككىنچى، ئامېرىكا پارلامېنتى ھەربىي خىراجەتنى يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلدى، ھەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى يەرلىكنىڭ پۇل ئاجرىتىشتىكى مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى. ئۈچىنچى، ئامېرىكا تاشقى چىقىمنىڭ «قاتتىق بېسىمى»غا دۇچ كەلدى، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى «تىنچ ئوكيان تەھدىتى تەشەببۇسى» قاتارلىق «كۆپ لىنىيەلىك ئۇرۇش» ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

تېڭ جيەنچۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2023- مالىيە يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»دە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇشىنىڭ مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىكى ئاشكارىلاندى. بىرىنچى، ئاتالمىش «خىرىس»، «تەھدىت»كە تاقابىل تۇرۇش ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا، شۇنداقلا مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىشنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئاتالمىش «چوڭ دۆلەت خىرىسى»، «چوڭ دۆلەت تەھدىتى»نى ئۈزلۈكسىز كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، يادرولۇق مەقسىتى بۇنى باھانە قىلىپ، پۇلنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىپ، ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسى قاتارلىق مەنپەئەت گۇرۇھىغا بۆلۈپ بېرىش. ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، قانۇن لايىھىسىدە ئاز دېگەندە 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، «تىنچ ئوكيان تەھدىت پىلانى»غا ئىشلىتىش، ئالاسكا، كورېيە، ياپونىيە، جۇڭگو تەيۋەن، فىلىپپىننىڭ بىرىنچى سېپىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگو بىلەن ئاتالمىش «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى»نى قانات يايدۇرۇش. ئۈچىنچى، ئامېرىكا ئارمىيەسى قورال-جابدۇقلار دەۋر قاتلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بۇ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» يادرو زەربە بېرىش كۈچى ۋە باشقا ئادەتتىكى قورال-جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، زامانىۋى ھەربىي قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ. تۆتىنچى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنىڭ يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشتەك زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەربىي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى زورايتتى.

ئىلگىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن پېنسىيونېر ئوفىتسېر دانىئېل داۋىس ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاسترونومىيەلىك سانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «ئەڭ تۆۋەن تەلەپ»دەپ ئاقلىدى، بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى بىر خەتەرلىك يولدا ماڭغانلىق، بۇ يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىدىغان بولساق، يا بىز ۋەيران بولىمىز، يا بىز ئەسلىدە ئارىلاشماسلىققا تېگىشلىك زور ئۇرۇشقا كىرىپ قالىمىز.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي زاتلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئامېرىكا كۋېنسى دۆلەت ئىشلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئۈچتىن بىر قىسىم ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاتالمىش جۇڭگونىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىتى»نى ئاساس قىلغان. لېكىن جۇڭگونى «ئەسەبىي ھەربىي تەھدىت» دەپ تەكىتلەش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ رىقابەت ماھىيىتىنى ئىنتايىن خاتا تەسۋىرلەپ بەردى ھەمدە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ۋە كەلگۈسىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ھەربىي خىراجەتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرسا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەنپەئەتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئېشىشى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇڭگوغا تېخىمۇ زور بېسىم ۋە ھەربىي تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

لى جېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىشلار سېلىنمىسى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، ئومۇمىي ھەربىي ئىشلار سېلىنمىسى ئەمەلىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە رايون ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ماھىيەتلىك ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشكە مايىل بولدى. بۇ رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ئالاقە تورى شەكىللەندۈرۈپ، قىسمەن رايونلاردىكى دۆلەتلەرنى ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن تەدرىجىي مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىش خەۋپى مەۋجۇت.

تېڭ جيەنچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»دە ئاشكارىلانغان ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇشى دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ پارچىلاندى، ئامېرىكا قوشنىسىغا ئورا كولاش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشتەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە روشەن ئىككى قۇتۇپلىشىش خاھىشىنى پەيدا قىلىپ، بىتەرەپلىكنى ساقلاشنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىش چىقىرىپ، تەيۋەن بوغۇزى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدە جامائەت پىكرى قوزغاپ، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى. ئامېرىكا رايون داۋالغۇشىدىن ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپلا قالماي، يەنە بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا غايەت زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. رايون دۆلەتلىرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئەكسىچە ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە سودا مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى مۇلازىمەت ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدا رېكورت يارىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى يېقىندا 2023-مالىيە يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ئاۋازغا قويۇپ تەستىقلىدى.