ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قاتمۇقات خىرىسنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا ئىلگىرىلەيلى-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋەزىيىتىگە نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-02 10:42

2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىش بولغان بىر يىل بولدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ يامرىدى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈچەيدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ جىددىي ئۆسۈم قوشۇشى، يەر شارى پۇل پاخاللىقىنىڭ تېز ئۆرلىشى، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى ... «قارا ئاققۇ»، «كۈلرەڭ كەركىدان» ۋەقەسىنىڭ نۆۋەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، دۇنيا ئىقتىسادى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا تولدى. 2023-يىلىغا نەزەر سالساق، كۆپ خىل پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ پارچىلىنىدۇ.

داۋالغۇش ئىچىدىكى خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىساددا مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ھالىتىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قارا تۇماندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشەنچ ۋە قۇۋۋەت قوشتى.

مەيلى «ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۆي سېتىۋالغانغا ئوخشاش قىممەت» دەپ ھەسرەتلەنگەن ئامېرىكىلىق پىيانىنو ئوقۇتقۇچىسى، پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ قىممەتلىكىدىن غەم قىلغان ۋېنگىرىيە بولكا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولسۇن ياكى يۇقىرى سوممىلىق ئېنېرگىيە چىقىمىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان پولشا ئائىلىلىرى، تاللا بازىرىدىكى باھاسى چۈشۈرۈلگەن كۆكتاتلارنى تالىشىپ سېتىۋالغان ئەنگلىيە ئائىلە ئاياللىرى بولسۇن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي داۋالغۇشنىڭ ئازابىنى ھېس قىلدى.
2022-يىلى، «يۇقىرى پۇل پاخاللىقى» ناھايىتى ئېنىقلا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يۇقۇم تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بازىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، يەر شارىدا پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى.

ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. ئامېرىكىنىڭ 6-ئايدىكى ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، 41 يىلغا يېقىن ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتتى، شۇنىڭدىن كېيىن گەرچە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. ئۆتكەن يىلى 11-ئايغىچە ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۇدا ئۈچ ئاي ئىككى خانىلىق سانغا يەتتى. ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى يادرولۇق ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 1981-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بىر قىسىم گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولدى، تۈركىيەنىڭ ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ 10-ئايدىكى ئېشىش نىسبىتى %85.51كە يېتىپ، يېقىنقى 24 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ ئارگېنتىنا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2022-يىلى مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %100كە يېتىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى، «ئېنېرگىيە كىرىزىسى» دۇنيا ئىقتىسادىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىشى ۋە تارتىشما داۋاملىشىشى ئېنېرگىيەنى توقۇنۇش قاينىمىغا پاتۇرۇپ قويدى، خەلقئارا بازاردا نېفىت، تەبىئىي گاز باھاسىدا كەسكىن داۋالغۇش بولۇپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى.

كۆپ خىل پايدىسىز ئامىللارنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مارپاس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدا «ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى» دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشىگە ئايلاندى. دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش خەۋپىگە يېقىنلاشماقتا.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادى نىسپىي مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان دۇنيادىن، تېخىمۇ ئاجىز دۇنياغا ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت بىر مەيدان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

2023-يىلىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاستىلايدىكەن، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىدە كۈنسېرى پارچىلىنىش بولىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ياۋرو رايونىدا چېكىنىش كۆرۈلۈشى، ئاسىيادىكى گۈللەنمە بازار ئىگىلىكى گەۋدىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ %2.7كە چۈشىدىكەن. گېئورگىيېۋا يېقىندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۈزلۈك ئىقتىسادىي مۆلچەر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 4-پەسىل ۋە بۇ يىل 1-پەسىلدە ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىدىكەن، 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاران %0.3 بولىدىكەن.

تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ 2023- يىلىدىكى ئېشىش نىسبىتى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ، ئاسىيا رايونىنىڭ ئىپادىسىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2023-يىلى ئاسىيادىكى ئاساسلىق گۈللەنمە بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا تۆھپە قوشىدىكەن.

دۇنيا ئىقتىسادى مۇرەككەپ خېيىم خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قاتمۇقات خىرىسنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا ئىلگىرىلەيلى-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋەزىيىتىگە نەزەر

2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىش بولغان بىر يىل بولدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ يامرىدى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى كۈچەيدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ جىددىي ئۆسۈم قوشۇشى،