ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-02 10:45

2022-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ھەربىي قارشىلىشىش ۋە غەربنىڭ رۇسىيەنى ئومۇميۈزلۈك جازالىشىدىن پەيدا بولغان تاشقى تەسىر تەدرىجىي گەۋدىلەندى، بۇ دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى، مۇساپىرلار، ئاشلىق، ئېنېرگىيە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، ئاشلىق ساھەسىدىكى تەسىرى زور بولدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى كۈچەيگەندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ رۇسىيەگە توققۇز نۆۋەت جازا يۈرگۈزدى، ئېنېرگىيە جازالاشنىڭ قورالىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازا كەلتۈرۈپ چىقارغان «يۇتۇۋېلىشقا قارشى تۇرۇش» ئۈنۈمى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مال باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، پۇل پاخاللىقى بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، ئىقتىساد چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋرو رايونىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا %10 بولۇپ، يەنىلا ئىككى خانىلىق يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان. بىرقانچە ئايدىن بۇيان، بېلگىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلاپ، رۇسىيەنى جازالاشتىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەپ كېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈلدى.

بىر بېلگىيەلىك ئېتىراز بىلدۈرگۈچى مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ھېسابات تالونىنى تۆلەش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتتى. بۈگۈن بىزنىڭ كوچىدا ئۈچىنچى قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈشىمىز، ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە چوقۇم خاتىمە بېرىش كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ گەپنى دەل جايىغا تەگكۈزۈپ، ئامېرىكىغا ئەگىشىپ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزسەك يامان ئاقىۋەتكە قالىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ئىلگىرى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: ئادەتتە، جازالاش كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى جازالىشىدۇر، لېكىن ئېنېرگىيە جازاسىغا كەلسەك، بىز ياۋروپالىقلار ئېنېرگىيە جەھەتتە ئاجىز، ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتىنى جازالىساق، نەتىجىدە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بىرور ئاگاھلاندۇرۇپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەر يىللىق ئېنېرگىيە كىرىزىسى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامېرىكىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ رۇسىيەگە كەينى-كەينىدىن جازا يۈرگۈزسە، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى، بۇنداق يامان ئاقىۋەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم «ئاشلىق ئامبىرى» ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكسپورتى توسالغۇغا ئۇچراپ، يەر شارىنى خەتەرلىك ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچار قىلدى. 2022-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە ئاندىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىدە ئاشلىق توشۇش مەسىلىسىدە نەتىجە ھاسىل قىلىندى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا قارا دېڭىز پورتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم ب د ت ۋە تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. 2022-يىلى 11-ئايدا كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەر 120 كۈن ئۇزارتىشقا قوشۇلدى، لېكىن كەسىپ ساھەسىدىكىلەر يەنىلا بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى قاتتىق جازالىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت ئېكسپورتى يەنىلا توسالغۇغا ئۇچرىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپ، دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت.

يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بۇ كىرىزىستىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەت ئالدى. 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر قىممىتى تەخمىنەن 230 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-جابدۇق سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سودىگەرلىرى ياۋروپادىكى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر شۇڭا ئۇلار بۇ زاكاز تالونلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشىدۇ. ياۋروپا ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغاندا، ئامېرىكا «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ»، ياۋروپا ئېنېرگىيە بازىرىنى ئىگىلىدى ھەمدە يۇقىرى باھادا ساتتى. كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئورگىنى كېپلېرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارى 2021-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىش مىقدارى %150كە يېقىن ئاشقان. ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپاغا قاتنايدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇش پاراخوتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پايدا ئالالايدىكەن. شۇڭا رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئامېرىكا كۆپ پۇل تاپقۇچى، ئەڭ چوڭ «يەڭگۈچى» بولۇپ قالدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە

ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ئىلگىرى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: ئادەتتە، جازالاش كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى جازالىشىدۇر، لېكىن ئېنېرگىيە جازاسىغا كەلسەك، بىز ياۋروپالىقلار ئېنېرگىيە جەھەتتە ئاجىز، ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتىنى جازالىساق، نەتىجىدە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.