ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە نېمىلەرنى دېدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-04 08:19

2023-يىلىدىكى يېڭى يىل قوڭغۇرىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن چېلىندى، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پەيتتە رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار نېمىلەرنى دېدى؟

كېرمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان ئەمەلىي خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېگەن: 2022-يىلى جاپا-مۇشەققەتكە تولغان، ئەمما چوقۇم تاللاشقا تېگىشلىك بىر يىل بولدى، رۇسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھەرىكەت قىلغان بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدىكى ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش ۋە تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ۋەقەلەر رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى، ھەقىقىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان چېگرا پاسىلغا ئايلاندى. بۈگۈنكى رۇسىيەمۇ بۇ نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىدۇ.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يېرىم كېچىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا يېڭى يىللىق سۆز قىلىپ، 2022-يىلى «بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئازار يېدى»، «2023-يىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن.

زېلېنسكىي يېڭى يىللىق سۆز قىلىۋاتقان پەيتتە، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىپ: ئۇكرائىنا رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور خەرىتىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن تەۋەلىكىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن شۇ يەر ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تىۋىتتېردا قىسقا يېڭى يىللىق سۆز قىلىپ، «يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. بايدىن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمىتىمىز بار، لېكىن 2022-يىلى بىز تارىخىي خاراكتېرلىك قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، مائاشلىق ئائىلىلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ (تۇرمۇش) تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق، مەھەللىلەرنىڭ قورال-ياراغ زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشىغا داۋاملىق ياردەم بەردۇق ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقىرى مائاشلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتۇق. مەن يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەنگلىيە ئاسمان خەۋەرلىرى تورىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى سۇناك يېڭى يىللىق سۆزىدە: «جاپالىق» 12 ئاينى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەدىكى مەسىلىلەر 2023-يىلى «يوقاپ كەتمەيدۇ» دېگەن.

سۇناك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2022-يىلى ئىنتايىن جاپالىق بولدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بولدى، ئەنگلىيەمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. نۇرغۇن ئەنگلىيەلىكلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن توك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە دۇچ كەلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، سۇناك يەنە ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 2023-يىلى 5-ئايدا پادىشاھ چارلىز Ⅲ نىڭ تاج كىيىش مۇراسىمى پۈتۈن دۆلەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. سۇناك مۇنداق دېدى: مەن «بارلىق مەسىلىلەر يېڭى بىر يىلدا يوقاپ كېتىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالمايمەن»، لېكىن 2023-يىلى ئەنگلىيەنىڭ «دۇنيا سەھنىسىدە ئەڭ ياخشى تەرىپىنى نامايان قىلىش» پۇرسىتى بار.

شۇ يەر ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون تېلېۋىزىيە سۆزى ئارقىلىق فىرانسىيەلىكلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. ماكرون سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023-يىلى فىرانسىيە پېنسىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ماكرون فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكرون 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى يېڭى يىللىق سۆزىدە جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە چەكلىمە قويۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپىنى ئۆلچەش ھەم چېگرادىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ فىرانسىيەنىڭ ئايرودرۇملىرىدا جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە يېڭى يىللىق سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىلى جاپالىق بىر يىل بولدى، گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

شولز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى گېرمانىيەگە نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بىز تاللا بازىرىدىن مال سېتىۋالغاندا، ماي قاچىلىغاندا ياكى توك پۇلى، گاز پۇلى تۆلىگەندە بىز بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالايمىز. شولز مۇنداق دېدى: كىرىزىس ئالدىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرىكىدەك بۆلۈنۈپ كەتمىدى، بەلكى ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلدى.

كانادا زۇڭلى مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا زۇڭلىسى تىرودو شۇ جاي ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يېڭى يىللىق سۆز قىلىپ، كانادا ئاممىسىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە 2023-يىلىدا «تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش» نى ئۈمىد قىلىمەن دېگەن.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە زۇڭتۇڭى يون سوكيول 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سېئۇلدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، «ئەمگەك، مائارىپ، كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىسلاھات» نى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۈچ چوڭ ساھەدىكى ئىسلاھاتنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېگەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە نېمىلەرنى دېدى؟

2023-يىلىدىكى يېڭى يىل قوڭغۇرىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن چېلىندى، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.