ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2022، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-04 09:29

2022-يىلى يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىپ، زىيان ئېغىر بولدى: ياۋروپا بۇ يىل تارىختا خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ياز پەسلىنى باشتىن كەچۈردى؛ غەربىي ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئاپەت خاراكتېرلىك كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. تىنچ ئوكياندىكى ئېكۋاتورنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 2020-يىلىدىن ھازىرغىچە داۋاملاشقان ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق (لانىنا) ھادىسىسى قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ۋە تاغ ئوت ئاپىتى ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋەتتى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى يەر شارى نوپۇسى «8 مىلياردلىق دەۋر» گە قەدەم قويدى، بۇ غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈچۈن سىناق بولدى...

خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، «نەملىك ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 14-نۆۋەتلىك يىغىنى، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى ۋە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بىللە ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلىرى مەركەزلىك نامايەن قىلىندى، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ۋە ماختىشىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئورتاق ئاۋاز قوشۇش ۋە ئويلىنىشقا ئىگە قىلدى.

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مۇناسىۋەت. ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، تەبىئەتتىن چەكسىز تەلەپ قىلىش، ھەتتا تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مۇقەررەر ھالدا تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 2022-يىلى ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيە ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپىيىپ، غەربنىڭ ماددىچىلىق سانائەت مەدەنىيلىكىدىن ھالقىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش-پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان تەرەققىيات ساداسىغا ئايلاندى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەزەلدىن تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىنى قەدىرلەپ، تەبىئەتنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتىشىگە ئىنتىلىپ كەلگەن. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلىشىمىز شەرت. دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى برونو ئوبورو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ ئىدىيەدىن پۈتۈن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان ئۇزاق مۇددەتلىك تۆھپىسى.

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنى 2-باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو يىغىننىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مۇھىم سىياسىي تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇھىت باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فورولىكا فىنىك خوئىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن، نىشان بېكىتىپ، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنى يۈكسەك ئىرادە بىلەن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو تەرەققىيات يولىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان ئېكولوگىيە مۆجىزىسى ۋە يېشىل تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتتى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3 لىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.6 لىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تىرەك بولدى، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %34.4 ئازايىتتى، يېشىللىقنى تەدرىجىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ روشەن رېڭىگە ئايلاندۇردى.

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كېنىيە ئافرىقا سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كاگۋانگا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى مول نەتىجىلىك بولۇپ، كىشىلەرگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، ھەم تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئىناق ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى سىمون ستىل جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانى، كىلىمات ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدە داۋاملىق ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

بىر تال گۈل بىلەنلا باھار بولمايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق كۆپ خىل مېخانىزم ۋە سۇپا ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئەبۇزەبى شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان زەفرا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 2 گىگاۋاتقا يېتىدۇ. جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى يېقىندا تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئەبۇزەبىنىڭ ھەر يىلى 2 مىليون 400 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىراق دۇنيادىكى چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، بۇ دۆلەتنىڭ %90 زېمىنى چۆللىشىش تەھدىتىگە ئۇچرىغان، %45 يېزا ئىگىلىك يېرى قۇرغاقچىلىق ۋە چۆللىشىش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كەلگەن. ئىراق دۆلەتلىك چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ساماد كامىل ئەلى جۇڭگوغا كېلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئۇ جۇڭگونىڭ سامان ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىراققا ئېلىپ كېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلىدى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى مۇھىت ۋە جەمئىيەت بۆلۈمىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى گو جياڭۋېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك تارقىتىش، توكلۇق ئاپتوموبىل، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتى يەر شارىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشتى.

جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ «يېشىل ئىز»لارنى قالدۇردى. كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈر يولى، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىنىڭ قۇملىشىشىنى توسىدىغان ئافرىقا «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» ئىھاتە ئورمان بەلبېغى، پارنىك گازى قويۇپ بەرمەيدىغان ھەم «توك قەھەتچىلىكى»نى پەسەيتىشتە جۇڭگو كارخانىلىرى شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىشقىچە... جۇڭگو چەتئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرلىرىدە يەر شارىنى قوغداش ئىدىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

ياپونىيە يەر شارى مۇھىت ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقات مۇدىرى جىن جېن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، يېشىل ئېنېرگىيەنى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق دۇنيانى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

2022-يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك قەدىمىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە مول ئەمەلىيىتى تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا جۇڭگو كۈچىنى قوشماقتا.

قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تۆۋەن كاربونلۇق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق قاتناش كۈچىگە ئايلاندى. بۇ يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى توپ مەستانىلىرى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى توپ مەيدانىغا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى فاتىخ بىرور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتتا ئىشلىتىلىشى بۇ يىل دۇنيانىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك ئاستىلاتتى، بۇ يىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ھازىر، دۇنيادىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى جۇڭگودىن كەلدى، جۇڭگو تېرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە، نەچچە يىل جاپالىق خىزمەت قىلىش ۋە ئاخىرقى ئىككى ھەپتىگە يېقىن «ئاتاكىغا ئۆتۈش» ئارقىلىق، رەئىس دۆلەت جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىكىدە، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىدا پۈتۈن دۇنيا يۈكسەك دەرىجىدە ئۈمىد قىلغان «كۇنمىڭ-مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» ماقۇللىنىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنئې ئاننوشېڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىپادىسى «قالتىس» بولدى. خەلقئارا قاتلامدا، جۇڭگو رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى؛ دۆلەت ئىچىدە، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تەسىس قىلىش، چوڭ مۈشۈكئېيىقنى قوغداش، كاربوننى ئازايتىش، ھاۋا بۇلغىنىشىنى تۈزەش جەھەتلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى.

توختاپ قالمىغاندا، كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2022، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى

2022-يىلى يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىپ، زىيان ئېغىر بولدى: ياۋروپا بۇ يىل تارىختا خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ياز پەسلىنى باشتىن كەچۈردى؛