ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-17 17:07

«جۇڭگونىڭ تاشقى سودا كۆلىمى تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئۇدا ئالتە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى مال سودىسى چوڭ دۆلىتىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى». 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىنغان 2022-يىللىق جۇڭگو تاشقى سودا «نەتىجە قەغىزى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى جۇڭگونىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 42 تىرىليون 70 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2021-يىلىدىكىدىن %7.7 ئاشقان. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپى ئېشىۋاتقان، تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى سىجىل ئاستىلاۋاتقان، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 2022-يىلى، جۇڭگو تاشقى سودىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى ھەم بۇلتۇرقى يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنىڭدىن خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەۋرىشىملىك ھەم توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتىي كۈچنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچى قەيەردىن كەلگەن؟ ئېكسپورتتىن قارىغاندا، جۇڭگو «بازار» ۋە «مەھسۇلات»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئەڭگۈشتەرنى كۈچلۈك ئىگىلىدى. مەسىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022- يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى 593 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان. بۇ جۇڭگونىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ بىر كارتىنىسى.

2022-يىلى، جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىغا بولغان ئېكسپورت بىر قەدەر تېز ئاشتى؛ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان ئېكسپورت %20 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ 6.1 پوئىنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى ...... ئېكسپورت كۆلىمى كېڭىيىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ماس قەدەمدە ئۆستى. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، لىتىيلىق باتارېيە ۋە ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئايرىم- ئايرىم %67.8، 86.7% ۋە %82.2 ئاشتى، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى تاشقى سودىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بۇ، يەر شارى بازىرىنىڭ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»دىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ «دۇنيا زاۋۇتى»لىق ئورنىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىمپورت جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور ئىچكى ئېھتىياج بازىرى كۈچلۈك تىرەك بولدى. 2022- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 87 تىرىليون 26 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشتى. ئىقتىساد مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى بار، پۇل خەجلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش ھالىتى ساقلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمپورتنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئىپادىسى يەنە سىياسەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن بولدى. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولماسلىق، مەبلەغ قىيىنچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى. 2022-يىلى، ئىمپورت ـ ئېكسپورتتا ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان تاشقى سودا كارخانىلىرى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.6 كۆپەيدى.

زاكاز ئەسلىگە كەلدى! يېقىنقى بىر مەزگىلدە گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلار تاشقى سودا كارخانىلىرىنى چەتئەللەرگە بېرىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەپ، زاكازنى كېڭەيتىشكە تەشكىللىدى. مەسىلەن، مالايسىياغا بارغان 47 گۇاڭدۇڭ كارخانىسى ئىچىدە 43 كارخانا مال زاكاز قىلىش توختامى قاتارلىق كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى، نەق مەيداندىكى پۈتۈشۈش سوممىسى ۋە مۇددىئا پۈتۈشۈش سوممىسى 23 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 169 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغان ھۆكۈمەت بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان تاشقى سودا كارخانىلىرى قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ قاتمۇقات توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو تاشقى سودىدا ياسىمىچىلىق ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەمىنات زەنجىرى مۇكەممەل بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ تەمىنلەش كەمتۈكلۈكىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، دۇنياۋى سودا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر جۇڭگونىڭ ئېكسپورتتىكى خەلقئارا بازار ئۈلۈشى %14.7كە يېتىپ، ئۇدا 14 يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئۇدا 13 يىل دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ، 210 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئېكسپورت بازىرى، 60 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى بولۇپ قالدى. بۇ جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ جۇڭگو تاشقى سودىسىغا بەرگەن قوللاش بېلىتى.

تاشقى سودا ئىقتىسادنىڭ بارومېتىرى. 2022-يىلى جۇڭگونىڭ تاشقى سودا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك ئىكەنلىكى، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى 2023-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈم قوشۇپ، ئىقتىسادقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچەيتكۈچ بولۇپ قالىدۇ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، «ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش»، «يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى. بۇ 2023-يىلى جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تولۇق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى!

«جۇڭگونىڭ تاشقى سودا كۆلىمى تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئۇدا ئالتە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى مال سودىسى چوڭ دۆلىتىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى».