ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىللىق يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-18 08:59

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023ـ يىللىق يىللىق يىغىنى 1ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا ئېچىلدى، بۇ، مەزكۇر مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم قىش پەسلىدە تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى «پارچىلىنىۋاتقان دۇنيادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى دۇنيا دۇچ كەلگەن كۆپ خىل خىرىس ئالدىدا، دۇنيا رەھبەرلىرى چوقۇم ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالقىلىق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ، 2030-يىلىدىن بۇرۇن ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئەۋرىشىم دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئاساس سېلىشى كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شىۋاب بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ خىل كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى ۋە دۆلەت قاتلىمىدىكى بۆلۈنۈش كەسكىنلەشمەكتە. ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك جانلىنىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باش لىدىرى بورگ برېندې يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنياۋى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چىقىش يولى دۇنياۋى ھەل قىلىش لايىھەسى، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى «ئىنتايىن مۇھىم».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ناتالىيە كانېم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاياللار يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق تۆھپە قوشتى، يەر شارى سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ب د ت بېكىتكەن 17 ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىرى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېسلېي ماسدوپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېشىل سەپەرگە چىقىش جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يىللىق يىغىن ئېچىلغان كۈنى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يېمەكلىك، تەبىئەت ۋە ساغلاملىققا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار بىر دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ، تەبىئەتنى قوغدايدۇ ھەمدە بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەبىئەت ۋە كىلىمات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لياڭ جىنخۇي مۇنداق دېدى: ئاشلىق سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنى ساغلام، قۇۋۋەتلىك يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە دېھقانلار ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ماكسىمو توررېرو مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى كۆپەيتىش ھەمدە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك سىستېمىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىللىق يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا ئېچىلدى

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023ـ يىللىق يىللىق يىغىنى 1ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا ئېچىلدى، بۇ، مەزكۇر مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم قىش پەسلىدە تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى.