ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سودا تالاش-تارتىشى داۋاملاشماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 16:55

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى ئېچىلغان كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن ئامېرىكىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» گە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى جىددىي جاكارلىغاندىن تارتىپ، يىغىن يېپىلغاندا «ياۋروپانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ» دېگەن تالاش-تارتىشقىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سودا تالاش-تارتىشى بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا ئەڭ كەسكىن مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بىر قىسىم يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قارىشىچە، يىللىق يىغىن مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، ئىقتىساد، كەسىپ جەھەتتىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى يوشۇرۇن بولۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ تالاش-تارتىشى ئامېرىكىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى»نى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا بۇ قانۇن لايىھەسى ئىزچىل يۇقىرى پۇل پاخاللىقى دەردىنى تارتىۋاتقان ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تولۇقلىما تەدبىرلىرىنىڭ بازارنى بۇرمىلاپ، كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ياۋروپادىن ئامېرىكىغا يۆتكەشكە قىزىقتۇرۇپ، ياۋروپانىڭ ئاپتوموبىل، باتارېيە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ، دېدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار: بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە ئېنېرگىيە جەھەتلەردىن كېيىنكى، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قوللانغان يەنە بىر «باغلاش» تەدبىرى، بۇ ئالاقىدار كەسىپلەردىكى باش ھالقا، ئاياغ ھالقا كارخانىلىرىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا يۈزلىنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىكتىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشتەك قىياپىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ياۋروپاغا توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ۋە قورال-ياراغلارنى يۇقىرى باھادا سېتىپلا قالماي، يەنە زور سوممىلىق كەسىپ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە رىقابەتنى توسۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانبىر قانچە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ۋوندېرلېيىن يىللىق يىغىن ئېچىلغان كۈنى مۇنداق دېدى: بىز ياۋروپالىقلار ئۆزىمىزنىڭ پاكىز تېخنىكا كەسىپىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنىڭ « ئادىل ۋە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان» بولۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز يىللىق يىغىن مەزگىلىدە مۇنداق دېدى: « پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» دە ھېچقانداق كەمسىتىش تۈسى بولماسلىقى كېرەك، «قورۇقچىلىق رىقابەت ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز». ئەنگلىيەنىڭ سودا ۋەزىرى گرانت شاپس تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى «خەتەرلىك» دېدى.

لېكىن ئامېرىكا يول قويۇشنى ئويلاشمىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ كىلىمات مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى كېررى يىللىق يىغىن مەزگىلىدە: كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار زور مەبلەغ سېلىش، دېدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن ئېچىلغان كۈنى، ۋوندېرلېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» گە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: «يېشىل كېلىشىملىك سانائەت پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا ياۋروپانى پاكىز تېخنىكا ۋە سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىش ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك يولىغا مېڭىش مەقسەت قىلىنغان. ئەمما، تۈر مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، بۇ پىلان كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى.

ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان سادالار مەۋجۇت، ياۋروپادىكى قىسمەن سودا ساھەسىدىكىلەر «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» دىكى يېشىل ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشىدىن ھاياجانلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

بېلگىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى ماگناتى سۇۋېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كادلى داۋوستا مۇنداق دېدى: بۇ ناھايىتى روشەن مەسىلە. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى، سىياسىي ساھە، سانائەت ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھاكىمىنى تەۋرىتىپ قويدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش رىقابىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىللىق يىغىن يېپىلغان كۈنى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلىدى: ئورمانلىقتا ئىككى ئادەمنى بىر ئېيىق قوغلاپتۇ، بىر ئادەم تەنھەرىكەت ئايىغىنى چىقىرىپتۇ، يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭدىن تەنھەرىكەت ئايىغى كىيسەڭ ئېيىقتىن تېز يۈگۈرەلەمسەن، دەپ سوراپتۇ، بۇ كىشى: مەن پەقەت سەندىن تېز يۈگۈرسەملا بولدى، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

گېئورگىيېۋا مۇنداق دېدى: كىلىمات كىرزىسىدە، بىز ھەممىمىز تەنھەرىكەت ئايىغىغا موھتاجمىز. ئەگەر بىز پەقەت سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنى پاكىز قىلىشقا كۈچ چىقارساق، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەمنى «زىيان» غا ئۇچرىتىمىز.

گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە پوزىتسىيەسى پاسسىپ بولدى، ئىلگىرىكى ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن قوللاش ۋەدىسى نەقلەشمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات سىياسىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئۇلار كۆمۈرنى چېكىندۈرۈش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مۇساپىسىنى ئارقا-ئارقىدىن كېچىكتۈردى ھەمدە ئامېرىكىدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش مىقدارىنى كۆپەيتتى.

فىرانسىيەنىڭ ئىقتىساد، مالىيە ۋە سانائەت، رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇق مىنىستىرى برونو لېمېر مۇنداق دەپ قارىدى: ھەرقانداق ئەھۋالدا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش رىقابىتىنىڭ دەرىجىسىنى سودا ئۇرۇشى دەرىجىسىگە كۆتۈرمەسلىك كېرەك. كىشىلەر چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى، دۇنيانىڭ بۇ خىل سودا مەسىلىسىدە يەنىمۇ پارچىلىنىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. گېئورگىيېۋا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى «ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەمكارلىشىپ، توغرا ئىش قىلىپ»، ھەممىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى.

«پارچىلانغان دۇنيادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»-بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى. نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى ئەمەس بەلكى مۇسبەت يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش-كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان رېئال ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا بۇ كىرىزىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سودا تالاش-تارتىشى داۋاملاشماقتا

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى ئېچىلغان كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن ئامېرىكىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» گە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى جىددىي جاكارلىغاندىن تارتىپ، يىغىن يېپىلغاندا «ياۋروپانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ