ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ سودا زومىگەرلىك قىلمىشى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 16:58

يېقىندا شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئاپپاراتى يىغىنىدا، جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا قاتارلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىرتىدىكى ماددىلار ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سودا تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىدىكى نارازىلىق ئەرز تەرتىپىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، جۇڭگو، نورۋېگىيە، شىۋېيتسارىيە، تۈركىيە، جۇڭگو شياڭگاڭدىن ئىبارەت بەش ئەزا سەككىز تۈرلۈك قارالما تەسىس قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «232 ماددا» ئاساسىدا ئىمپورت قىلىنغان پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ تاۋارلىرىغا قارىتا يولغا قويغان ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جاي بەلگىسى ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشى توغرىسىدا بەش پارچە كېسىمنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئامېرىكىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ تەدبىرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا يىغىندىن بۇرۇن يۇقىرىقى بەش كېسىمنىڭ ھەممىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى 2022-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بەش پارچە دوكلاتى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم كېسىم چىقىرىپ، 2018-يىلى ئامېرىكا ئىمپورت قىلىنغان پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەدبىرى، 2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ تاۋارلىرىغا قارىتا يولغا قويغان ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جاي بەلگىسى ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ھەمدە « دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىرتىدا» بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، ئامېرىكىنىڭ تۈزىتىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نارازىلىق ئەرزى بېرىش دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ ھوقۇقى، لېكىن بۇ ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ سودا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى يوق.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپلىگەن دوكلاتى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلدى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىق ئەرزى ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن ھەرىكەتلىنەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۆۋەتتە بۇ نارازىلىق ئەرزلىرىنى قاراپ چىقىشقا ئامالسىز قالدۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپى توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» گە ئاساسەن، سودا تالاش-تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش كېسىمى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر «قائىدىگە ئەڭ رىئايە قىلمايدىغان دۆلەت» بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش-ئامېرىكا تەرىپىدىن كېلىپ چىققان. 2019-يىلى 12-ئايدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىدىكى نارازىلىق ئەرز ئاپپاراتى ئامېرىكىنىڭ سودىيە تاللاشقا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن توختاپ قېلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا كېسىم ئاپپاراتىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن كىرىزىسقا دۇچار قىلدى.

كانادانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يىغىندا: سودا تالاش-تارتىشىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر چوقۇم بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، «تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپى توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» ئاستىدىكى سەمىمىي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق ئەزا تالاش-تارتىشلار ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ، دېدى.

كانادانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: نارازىلىق ئەرز ئاپپاراتىنىڭ ئىشتىن توختىشى ئادالەتسىزلىك ۋە (قىسمەن ئەزالارغا) قىسقا مۇددەتلىك ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلدى، ياخشى نىيەت بىلەن ئىش قىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭدىن خۇشال بولماسلىقى كېرەك، دېدى.

جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى چېڭگاڭ: ئامېرىكا «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىرتىدا» بولۇشقا چېتىلىدىغان ھەرقانداق پايدىسىز كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى، بۇ «شەرتنامىگە چوقۇم ئەمەل قىلىش» پىرىنسىپىغا خىلاپ، دېدى.

لى چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ بىر تەرەپچىلىك زومىگەرلىك قىلمىشىنى يولغا قويغۇچى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ھەمدە يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى بولۇش ئوبرازىنى ئېنىق سۈرەتلەپ بەردى.

2022-يىلى 12-ئايدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا سودا سىياسىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى روئان ئاگيار ماچادو مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىدە ئۆز ئىچىگە مايىل بولۇش خاھىشى بار، «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى» دىكى توكلۇق ئاپتوموبىلغا تولۇقلىما بېرىشكە ئالاقىدار ماددىلار دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنى زور مىقداردا تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە پەيدا قىلدى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ.

تۈركىيە ۋەكىلى ئارپاسلان ئاقارسوي تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن نورمىدىن سىرت باج ئېلىش تەدبىرىنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: تۈركىيە ئامېرىكا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بولغان ئىشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارايدۇ، دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ سودا زومىگەرلىك قىلمىشى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، جۇڭگو، نورۋېگىيە، شىۋېيتسارىيە، تۈركىيە، جۇڭگو شياڭگاڭدىن ئىبارەت بەش ئەزا سەككىز تۈرلۈك قارالما تەسىس قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ