ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-22 14:33

«دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» 2-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان «دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» جۇڭگونىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى. ھۆججەتتە نۆۋەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك، ئەڭ جىددىي خەلقئارا خەۋپسىزلىككە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدىكى 20 نۇقتىلىق ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە مېخانىزمىنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

بۇنىڭغا قارىتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا خەۋپسىزلىكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھەر قانداق تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشتا سۆزلىشىش ۋە دىپلوماتىيەنى بىرىنچى تاللاش قىلىش كېرەك. ئۇرۇگۋاينىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېرناندو لۇگرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا خەۋپسىزلىكى بىر ئورتاق ئارزۇ. جۇڭگونىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى سىغدۇرۇشچان، ئېچىۋېتىلگەن تەشەببۇس. ھەر قايسى دۆلەتلەر قاتناشسا ۋە تۆھپە قوشسا بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» ئېلان قىلىندى

«دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» 2-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى.