ب د ت يىغىنى «تىنچلىق فورمۇلاسى» توغرىسىدا قارار لايىھەسى ماقۇللىدى،
ب د ت يىغىنى «تىنچلىق فورمۇلاسى» توغرىسىدا قارار لايىھەسى ماقۇللىدى، جۇڭگو ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى
2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى داۋاملىق ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغانلىقتىن، بۇ توقۇنۇش دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىنىڭ 11-قېتىملىق جىددىي ئالاھىدە يىغىنىدا رۇسىيە -ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن بېلەت تاشلاندى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ھەرقايسى تەرەپلەرنى توقۇنۇشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى خېلسون ئىشتاتىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ سۇ-25 بەلگىلىك بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، خېلسون ئىشتاتى، زاپوروژې ئىشتاتى، لۇگانسىك رايونى ۋە دونېتسىك رايونىدا 9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنى «ۋەتەننى قوغداش كۈنى»، كىرېمل سارىيى تېمى سىرتىدىكى نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىگە گۈل چەمبىرەك قويدى. شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇسنۇلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرىم چوڭ كۆۋرۈكى تاشيول بۆلىكىنى رېمونت قىلىش خىزمىتى تاماملىنىپ، پۈتۈن لىنىيەدە مۇددەتتىن 39 كۈن بۇرۇن قاتناش باشلاندى.
ئۇكرائىنا دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئەتىگەنلىك ئۇرۇش خەۋىرى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 90 قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسى خادىملىرى ۋە ھەربىي قورال-ياراغلار مەركەزلەشكەن رايونغا 11 قېتىم، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بازىسىغا بىر قېتىم زەربە بەرگەن.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەت تور بېكىتى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا پارلامېنتى زۇڭتۇڭ زېلېنسكىنىڭ رۇسىيەدىكى بارلىق بانكىلارنى 50 يىل جازالاش تەشەببۇسىنى ماقۇللىغان.
يېقىندا، گېرمانىيە سول قانات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ساخرا ۋاگىنكنېشىت گېرمانىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، غەرب ئەللىرى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ قالماقتا، دېدى، ئۇ گېرمانىيە ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال بىلەن تەمىنلىمەستىن، بەلكى تىنچلىق سۆھبىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىغان.
شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ب د ت يىغىنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا داۋاملىق جىددىي ئالاھىدە يىغىن ئاچتى. شۇ كۈندىكى يىغىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 141 ئاۋازنىڭ قوللىشى، يەتتە ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 32 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدەك نەتىجە بىلەن ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 75 دۆلەت بىرلىكتە سۇنغان «تىنچلىق فورمۇلاسى» قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ لايىھەدە ئۇكرائىنادا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكى تەكىتلەندى.
جۇڭگو ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىككىنچى، سۆھبەتلىشىش ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر يولغا قويۇشقا بولىدىغان چىقىش يولى. ئۈچىنچى، خەلقئارا جەمئىيەت يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى كۆزلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. جۇڭگو پات ئارىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدان ھۆججىتىنى ئېلان قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، تىنچلىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان