كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانىغا ئىجابىي باھا بەردى
رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دىگەن ھۆججەتنى ئېلان قىلدى، كۆپلىگەن خەلقئارا ئەربابلار بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مەيدانىدا چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى، دەپ قارىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دىگەن ھۆججەت-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە، دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار مۇراجىتى ئىنتايىن مۇھىم.
قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ مەيدان ھۆججىتىنى قارشى ئالىدۇ. قازاقىستان بۇ ھۆججەتنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن توقۇنۇشنى توختىتىشقا پايدىلىق، دەپ قارايدۇ.
شىۋېتسىيە دۆلەت ھالقىغان تىنچلىق ۋە كەلگۈسى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوبىرى مۇنداق دېدى: مەن بۇمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈمىدى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭىمىز دېگەندىن كۆرە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىش ئەۋزەل. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىنچلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق سۆھبەت ئۈستىلىدە بىرلىكتە مۇرەسسە قىلىشقا موھتاج.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاسىيا ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى سۇكرار مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ئىجابىي سىگنال، جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچ چىقارماقتا، چۈنكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى يوق. مېنىڭچە مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر، بۇ بىر ئىجابىي تەشەببۇس.
بولىۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورالېس 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى قوراللىق بىلىكى دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پەيدا قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ، بىز جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ ھەمدە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئادالەتسىز جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارشى ئالىمىز.
پاكىستاننىڭ خەلقئارا ئىشلار تەھلىلچىسى ئىمران خالىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزچىل مۇراجىئەت قىلىپ كەلدى، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر تاللاش.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت