بىر كۆچمەنلەر پاراخوتى ئىتالىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا چۆكۈپ كەتتى، قازا قىلغانلار 59 غا يەتتى
ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 26ـ كۈنى سەھەردە، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، قازا قىلغانلار 59 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 12 بالا بار ئىكەن. ھازىر، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يەنىلا داۋاملىشىۋېتىپتۇ، قازا قىلغانلار يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت