ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ سانى جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
بۇلتۇر 4-پەسىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن قىيىن بولدى. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر: رۇسىيەنى جازالاش ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىغا ئەكس تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى توختاپ قالدى، كارخانىلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتى ناچارلاشتى، تەرەققىيات ئىستىقبالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، دەپ قارىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش سانى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 4-پەسىلدە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ كۆرسەتكۈچى 113.1 گە يېتىپ، ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى 3-پەسىلدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، 2015-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلار كۆرسەتكۈچى 2015-يىلىدىن باشلاپ ئىستاتىستىكا قىلىنىپ، شۇ يىللىق ئاساسىي مەزگىل كۆرسەتكۈچى 100 قىلىپ بېكىتىلىپ، ئېشىش-كېمىيىش نىسبىتى قەرەللىك ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭدا ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ كونكرېت سانى ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىسادىي پائالىيەت بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، بۇلتۇر 4-پەسىلدە بارلىق كەسىپلەردە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تىرانسپورت ۋە ئامباردا ساقلاش كەسپى، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىدە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %72.2 ۋە %39.4 ئاشقان.
كارخانا كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنلاشقان. فىرانسىيە سودا سانلىق مەلۇمات شىركىتى ئالتارېس شىركىتى مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە تەننەرخى ئۆرلىگەچكە، فىرانسىيەدە بۇلتۇر ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ سانى 2021-يىلىدىكىدىن %50 ئاشتى، ۋەيران بولۇش ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %78 ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە %30 تىن كۆپرەكى 4-پەسىلدە رەسمىي ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى سۇندى.
ئالتارېس شىركىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تىئېرى مىيون ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبلىك پۈتكۈل ئىقتىساد تورىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، تىجارەت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنىڭ ئازىيىشى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ رۇسىيەگە كۆپ قېتىم جازا يۈرگۈزدى، ئۇنىڭ تەتۇر تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ياۋروپا ئېنېرگىيە كىرىزىسى ئېغىرلىشىش، تەمىنات زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، كارخانىلارنىڭ تاشقى مۇھىتى بارغانسېرى قىيىنلاشتى.
گېرمانىيە پارچە سېتىش كارخانىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېفان گېنت مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى كارخانىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، پۈتۈن ساھەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
گېرمانىيە مەسلىھەت بېرىش كارخانىسى فالكېنشتېگ پاي كونترول شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى تىلمان پېتېس مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ناچارلىشىۋاتىدۇ، بەزى شىركەتلەر ھەم تەننەرخنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا ئامالسىز، ھەم ئېھتىياجنىڭ كاساتلىشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
بىر قىسىم ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەربابلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردەمنى ئاياغلاشتۇرۇشى قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنى قامدىيالماسلىقىدىكى سەۋەب. 2020-يىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلارغا نۇرغۇن ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئەمما بۇ تەدبىر ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، بۇ «مۇردا» كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش دەپ قارالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردەمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار تاقىلىپ قالدى. فىرانسىيەنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ھۆكۈمەت ئالاقىدار ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى %16كە يېقىن ئاشتى.
گېرمانىيە ئالىيانىز سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لۇدوۋىك سۇبۇلان مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كارخانىلار 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، تىجارەتنى ئاران قامدايدىغان بۇ كارخانىلار ئېرىشكەن قوللاش بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە مائاش تەننەرخى ئېشىپ، پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
بۇ يىلغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر كارخانىنىڭ تىجارەت ئىستىقبالى يەنىلا ياخشى ئەمەس دەپ قارىدى. مىيون مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي ئامىللار تۈگىتىلمىدى، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىنى ئۆتكۈزمەك تەس بولۇشى مۇمكىن. پېتېس: كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش سانىنىڭ كۆپىيىش يۈزلىنىشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە توختىمايدۇ، بۇ يىل يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا