ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدىكى ئاھالىلەر «زەھەرلىك ماددا بار پويىز» رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-01 09:25

ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىنىڭ شەرقىي پەلەستىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھەمدە زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددا چىقىپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا، مەزكۇر ئىشتاتتىكى ئاھالىلەر شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى ھەمدە فېدېراتسىيە سوتچىسىنى بۇ شىركەتنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بەرمىگەن ئەھۋالدا قالدۇقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى توسۇشقا دەۋەت قىلدى. ئوخايو ئىشتاتى ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىل ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى خەتەرلىك ماددىلارنى توشۇۋاتقاندا ھادىسە يۈز بەرگەن 12 ۋاگوننى تەكشۈرۈشكە پەقەت ئىككى كۈنلا ۋاقىت بەرگەن. ئۇلار سوتچىدىن نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى قالدۇقلارنى تازىلاش ۋە كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن مۇتەخەسسىسلەرگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. قالدۇقلارنى تازىلاش خىزمىتىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئەسلىدە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدىكى ئاھالىلەر «زەھەرلىك ماددا بار پويىز» رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

مەزكۇر ئىشتاتتىكى ئاھالىلەر شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نورفولك جەنۇب تۆمۈر يول شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى ھەمدە فېدېراتسىيە سوتچىسىنى بۇ شىركەتنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بەرمىگەن ئەھۋالدا قالدۇقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى توسۇشقا دەۋەت قىلدى.