غەرب ئەللىرى ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشتە چەكلىمىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىدى
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پېسكوف مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى يوق.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانى ئۈزلۈكسىز قورال ياردىمى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇلېبا شۇ كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ تىۋىېتتېر نومۇرىدا يازما تارقىتىپ مۇنداق دېگەن: بۇلتۇر ئۇكرائىنا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان يەتتە خىل ھالقىلىق قورال ياردىمىدىكى ئالتە خىل سىياسەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئاخىرىدا يەنە كۈرەشچى ئايروپىلان چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل