ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناش كېرەك
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكىنىگە بىر يىل بولدى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو تەرەپ «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىزچىل تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلگەن مۇۋاپىق مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ «تۆت كېرەك»، «تۆت بىرلىكتە»، «ئۈچ ئويلىشىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توقۇنۇش، ئۇرۇشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىي ھەل قىلىش چارىسى يوق، چوڭ دۆلەتلەر قارشىلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر مۇنداق دەپ قارايدۇ: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلگەن مۇۋاپىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش كېرەك. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنىڭ توغرا-خاتالىقىدىن چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھۆكۈم چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىك ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئادىل مەيدانى ۋە ئىجابىي تىرىشچانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.
سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر كارغا كېلىدىغان چىقىش يولى. ئۇكرائىنا مەسىلىسى مۇرەككەپ تارىخىي جەريان ۋە سەۋەب-نەتىجىگە ئىگە شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان خەۋپسىزلىك زىددىيىتىنىڭ پارتلىشى ھەم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە گۇرۇھ قارشىلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە. ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى قوغدىلىشى، رۇسىيە كۆڭۈل بۆلگەن مۇۋاپىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك، ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى قوغداشقا ئەرزىيدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىمۇ ئوخشاشلا قوغداشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوغداشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ھېچكىمگە يان باسمايدۇ ھەم ئوت ئۈستىگە ياغ چاچمايدۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئۈندۈرمەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش دەرۋازىسىنى تېزدىن ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، سۆھبەتنى قايتا باشلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتتە، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى ھەم جۇڭگونىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، شۇنچە سەگەك، سوغۇققان بولۇش كېرەك؛ كىرىزىس قانچە كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدىن شۇنچە ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. جۇڭگو ئورتاق، ھەر تەرەپلىمە، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلەپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلقئارا توقۇنۇشنى مەنبەسىدىن تۈگىتىش، دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، نۆۋەتتە، 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتى بۇنى ئالقىشلىدى ۋە قوللىدى. جۇڭگو يېقىندا «دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى»نى ئېلان قىلىپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ سىستېمىلىق پىكىر يولى، تېخىمۇ كارغا كېلىدىغان تەدبىر بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، «سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللاش»نىڭ كونكرېت يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتتە، جۇڭگو ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، پۇقرالار ۋە ئەسىرلەرنى قوغداش، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىستراتېگىيە خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىش، ئاشلىقنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىر تەرەپلىمە جازالاشنى توختىتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلگەن كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدىكى مەيدانىنى شەرھلەپ، تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىرىزىسنى پەسەيتىشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرگە مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: ئەمەلىي كۈچى، ئورنىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى كېڭەيتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئۆز خەۋپسىزلىكىنى كۆزلىسە، مۇقەررەر ھالدا خەۋپسىزلىك قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالىدۇ. دەۋر تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، يەنە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ئارقىلىق دۇنيا ۋە رايون بىخەتەرلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشقا بولمايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىدە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ، رايون خەۋپسىزلىكىگە ھەربىي گۇرۇھلارنى كۈچەيتىش ھەتتا كېڭەيتىش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق دۆلەتنىڭ دۇنيادا ئۆز سەنىمىگە خالىغانچە دەسسەيدىغان ئىمتىيازى يوق، ھەر قانداق زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇتتەھەملىك قىلمىشى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل-ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، تىنچ ۋە خەتەرلىك كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تىنچلىق نۇرى ئارقىلىق دۇنيانى يورۇتۇشى كېرەك.
تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش-ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشى. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، جۇڭگو ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا