رۇسىيە باخمۇتنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتتى، ئۇكرائىنا ۋەزىيەت كەسكىن، دېدى
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، رۇسىيە ئارمىيەسى باخمۇتقا بولغان مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى داۋاملىق تارايتماقچى بولغان. رۇسىيە ئارمىيەسى باخمۇت ئەتراپىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئوق-دورا ئامبىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەچچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. دونتسېك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر باخمۇتقا تۇتىشىدىغان بارلىق يوللار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوت كۈچى كونتروللۇقىدا ئىكەن.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلىنسكى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى باخمۇت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا باخمۇت رايونىدا كەسكىن جەڭ قىلدى. باخمۇت دونباس رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تەمىناتىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، نۇرغۇن تاشيول ۋە تۆمۈر يول لىنىيەلىرى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ، باخموتنى ئىشغال قىلىش-قىلالماسلىق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
رۇسىيە ئەربابلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر باخمۇتنى ئالسا، رۇسىيە ئارمىيەسى غەربىي شىمالغا قاراپ ئۇكرائىنانىڭ دونتسېك رايونىدىكى يادرولۇق بازىسى كراماتورسېك ۋە سىلاۋىيانسېكقا بارىدىغان لىنىيەنى ئاچىدىكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل