بۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىدىغان توغرا تاللاش
2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغىلى بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان بۇ كىرىزىس ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىز، خەتەرلىك ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇرۇش ئوتىنى قانداق تىنچىتىش، كىرىزىسىنىڭ دۇنياغا بولغان زەربىسىنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟ جۇڭگو شۇ كۈنى «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى»نى ئېلان قىلىپ، كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەندە، كىشىلەر بۇ جۇڭگو لايىھەسىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. بۇ كىرىزىس رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىناغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، دۇنيا ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق تەمىناتى زەربىگە ئۇچرىدى، پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتى، يادرو بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى، دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى يەنە زەخىم يېدى.
تارىختا ئىنسانلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى. ئېچىنىشلىق ساۋاقلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زومىگەرلىك، گۇرۇھ سىياسىيسى، لاگېر قارشىلىشىشى پەقەت ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇكرائىنا كىرىزىسى دۇنياغا: توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى يوق، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشلا كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر كارغا كېلىدىغان چىقىش يولى دەپ يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئالاقىدار تەرەپ ئەمەس، لېكىن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «تۆت كېرەك»، «تۆت بىرلىكتە»، «ئۈچ ئويلىشىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەيدان ھۆججىتى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ مەيدان تەشەببۇسى 12 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ھەم «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» ئىزچىل پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلغان، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەم نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىگە قارىتا «ئۇرۇشنى توختىتىش»، «تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش» مۇراجىئەت قىلىنغان، ھەم يىراققا نەزەر سېلىنىپ «ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ھېچقايسى تەرەپكە يان بېسىلمىغان، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تەشەببۇسلاردا جۇڭگونىڭ ئىشنىڭ توغرا-خاتالىقىغا باھا بېرىش، ئوبيېكتىپ ئادىللىققا رىئايە قىلىش، پائال ياراشتۇرۇپ سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشنى مەۋقە قىلغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى تولۇق نامايەن قىلىنغان.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى بىر قاتار مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، كىرىزىسنىڭ پايدا قىلغۇچىسى ۋە ئۇلغايتقۇچىسى. ئەگەر بۇ نۇقتىنى نەزەرگە ئالمىساق، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاش» «ئۆز ئالدىغا جازالاشنى توختىتىش» قاتارلىق تەشەببۇسلار ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تۈگۈنىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىشىغا پايدىلىق. ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ پۇقرالارنىڭ ئۇرۇش رايونىدىن چېكىنىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىپ بېرىش، پۇقرالار ۋە ئەسىرلەرنى قوغداش، ئاشلىقنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلىرى ئىنتايىن كونكرېت ھەم ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك غەمخورلۇقىنى نامايەن قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو يەنە تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلانى تەشەببۇس قىلدى. «نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن 140مىليون ئادەم نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. زاپاروژې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كۆپ قېتىم توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر يادرو بىخەتەرلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلدى. جۇڭگو كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەپ، «يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يادرو ئۇرۇشى قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ قايتا تەكىتلىدى. پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا بىيوخىمىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى، ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھەمدە بۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى نامايەن قىلدى.
ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولسا، شۇنچە سوغۇققان ئەمەلىيەتچىل بولۇش، شۇنچە ئېھتىياتچان ئىش قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ، تىنچلىقنى قايتا قۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە ئەرزىيدۇ.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن