يەر شارى ساياھەتچىلىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى
كامبودژا ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى؛ تايلاندنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا بېرىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە گۈل چەمبىرەك سوۋغا قىلدى؛ كېنىيە خەلقى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، يۇقۇمدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇ دۆلەتكە بارغان جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنى قارشى ئالدى . دېمەك، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشى ۋە تەڭشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنياغا باھار ھىدىنى ھېس قىلدۇردى.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
«رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى يېقىندا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش ۋىزىسىنى ئۆز ئارا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمدىن كېيىنكى تۇنجى جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 23- كۈنى موسكۋاغا يېتىپ باردى. تاسىس ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى سانكىت پېتىربورگ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قانداق كۈتۈۋېلىشقا دائىر تەربىيەلەش تۈرىنى تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى تەييارلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت مۇنبىرىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ قايتا كېلىشىگە بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت ۋە ئىجادىيەت ئىقتىسادى مىنىستىرى ساندىياگا ئۇنو: جۇڭگو چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى قايتا يولغا قويغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەتچىلىكى كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىدۇ، دېدى.
سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئومۇمىي زاكىزى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %640 ئاشقان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا قاتارلىق ساياھەت قىزىق مەنزىللىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالغان.
يېقىندا، كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدىكى چومو كېنياتا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، كېنىيە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرى يۇقۇمدىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنىڭ يېتىپ كېلىشى-كېنىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ساياھەت بازىرى بىلەن ئۇلىنىشىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسىدە كېنىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تارىك سۇناتمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قالتىس نەتىجىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ۋاقتىدا ياخشىلاپ، پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر مىسىرنىڭ ساياھەت بازىرىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.
دۇنيا ساياھەت ۋە ساياھەت كېڭىشىنىڭ لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇلىيا سىمپسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋە جۇڭگوغا بارىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، بۇ دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رېيتېر ئاگېنتلىقى يېقىندا جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ساياھەت كىرىمى تەخمىنەن تۆت تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %95 ئېشىشپ، 2019-يىلىدىكى سەۋىيەنىڭ تەخمىنەن %71 گىچە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. 2023-يىلى چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان ساياھەتچىلەر 90 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلىنىپ، يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەنىڭ %31.5 گىچە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 2-پەسىلدە جۇڭگونىڭ ساياھەت بازىرى كۆزلىمىدىكى كۈچىيىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش ۋە تەمىنلەش ياخشى بولۇش يېڭى يولىغا كىرىپ، يازدا ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ئىسپانىيە «خەۋەرلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ، قۇچاق ئېچىپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىش دەرىجىسى يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتسە، يەر شارى ھەر يىلى 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نورمىدىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشىدۇ.
دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى مۇنداق دەپ قارىدى: 2019-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بازىرى بولغان جۇڭگو پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: مەيلى ئارقا ئارقىدىن چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بولسۇن، ياكى جانلانغان دۆلەت ئىچى ساياھىتى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىدىن تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈردى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىشەنچىسىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت