فىلىپپىن رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تەستىقنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىدى
فىلىپپىن پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى يېقىندا رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تەستىقنامىسىنى رەسمىي تەستىقلاپ، فىلىپپىننىڭ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
فىلىپپىننىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىس-ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش فىلىپپىننىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلىقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنات زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ، رايون ۋە يەر شارى سودىسى شۇنداقلا ئىستىراتېگىيەلىك تارماقلارغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق فىلىپپىن ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فىلىپپىن خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ ھازىر 15 ئەزا دۆلىتى بار بولۇپ، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نوپۇس سانى، ئىقتىساد مىقدارى، سودا ئومۇمىي سوممىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %30نى ئىگىلەيدۇ. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سىياسىتىنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
فىلىپپىن دۆلەتلىك ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاسېنىئو بالىساكان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە فىلىپپىن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، فىلىپپىن رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى تېخىمۇ ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ياساش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، فىلىپپىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قائىدىسى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ مۇقىم سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش نىشانىغا ئايلىنىشىغا پايدىلىق.
بالىساكان يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى رامكىسى ئاستىدا، چەتئەل كارخانىلىرى ۋە فىلىپپىننىڭ يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك كەسپىنىڭ كېڭىيىشى ۋە مەبلەغ سېلىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، نامراتلارنى داۋاملىق ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ فىلىپپىننىڭ 2023-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە بولغان دۆلەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
فىلىپپىننىڭ مالىيە مىنىستىرى بىن خامىن دىئوكنو مۇنداق دەپ قارىدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى فىلىپپىندا كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، فىلىپپىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بازارغا كىرىش پۇرسىتى بولىدۇ، فىلىپپىن ياساش سودىگەرلىرىنىڭ خام ماتېرىيال مەنبەسىنى تاللاش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، فىلىپپىننىڭ قانۇن، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ۋە بانكا مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى پىشقان كەسپىي زاتلار ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلارمۇ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرىگە بېرىپ كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.
فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى خۇئان سۇۋېيرى مۇنداق دېدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ھازىرقى رايون ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېخىمۇ «زامانىۋى، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» قىلىپ بىرلەشتۈرىدۇ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىدۇ.
فىلىپپىن تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى تەستىقلاش فىلىپپىننىڭ ئېكىسپورتىنى %10.47 ئاشۇرۇپ، فىلىپپىننىڭ ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %2.02 ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.
فىلىپپىننىڭ خامچوت ۋە باشقۇرۇش مىنىستىرى ئامىنا پانگاندامان مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ فىلىپپىننىڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت دۆلىتى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئىزچىل فىلىپپىنلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. فىلىپپىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى بۇ دۆلەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاھالىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىن كەلگەن بولۇپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم دېھقانچىلىق مەيدانىدا خىزمەت قىلىدىكەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ فىلىپپىن ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %9.6 كە يېتىدىكەن.
بالىساكان مۇنداق دېدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى تەستىقلاش يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك قىممەت زەنجىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
نۆۋەتتىكى دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇشى فىلىپپىنغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2022-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، جۇڭگو بىلەن رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 11 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9ئېشىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %30.7نى ئىگىلىگەن.
فىلىپپىندىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: فىلىپپىن ئۆزىنىڭ سودا ۋە كەسپىي مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچى تەرەپنىڭ بازارغا كىرىش پۇرسىتىنى پائال ئىگىلىشى كېرەك.
ھازىر جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق تۆت چوڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسىنى بېكىتتى. يېزا ئىگىلىكىنى مىسالغا ئالساق، شياڭجاۋ، بولو، مانگودىن نيۇۋگو، يېچىڭ ۋە ليۇليەنگىچە، غايەت زور جۇڭگو بازىرى فىلىپپىنغا ئۈزلۈكسىز سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرماقتا.
فىلىپپىن «ئاسىيا ئەسىرى» ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاننا مالىنبوگ ئۇيى مۇنداق دېدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى مېخانىزمى ۋە رامكىسى ئاستىدا، فىلىپپىندىكى دېھقانلار تېخىمۇ ئېتىبارلىق، تېخىمۇ قولايلىق سودا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازىرىغا ئېكسپورت قىلالايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا