ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسلىرى «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتنى چۈشەندۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-02 09:06

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكەنلىكىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆججەتتە، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئاساسىي مەيدان تەشەببۇسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى زىگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە ئالاقىدار تەرەپ بولمىسىمۇ، لېكىن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كىرىزىسنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكەنلىكىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو مەيدان ھۆججىتىنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك، ھەر تەرەپلىمە، كارغا كېلىدىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى قوغدىغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

مەيدان ھۆججىتى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا جەمئىي 1200 خەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاش، ئۇرۇشنى توختىتىش، تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، پۇقرالار ۋە ئەسىرلەرنى قوغداش، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىستراتېگىيە خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىش، ئاشلىقنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىر تەرەپلىمە جازالاشنى توختىتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق 12 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى دىڭ شياۋشىڭ مۇنداق دېدى: مەيدان ھۆججىتى يىغىنچاق بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇنى مول. بۇ ھۆججەت ھەم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق رىئايە قىلىش»، «بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ»، «بىر تەرەپلىمە جازالاش، ئېغىر بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ»، «يادرو قورالى ئىشلىتىشكە، يادرو ئۇرۇشى قوزغاشقا بولمايدۇ» قاتارلىق جۇڭگو چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم ئۇنىڭدا «بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، «پۇقرالارنىڭ ئۇرۇش رايونىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى بەرپا قىلىش»، «تېز، بىخەتەر، توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتى بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەپەككۇرى ۋە تەشەببۇسى بار.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاش-كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ؛ ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش-نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش شۇنداقلا باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى؛ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئاشلىقنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار توقۇنۇشنىڭ تاشقى تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كىرىزىسنىڭ يەنىمۇ ئۇزىراپ ۋە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇستىرىسىنى ھەدەپ بىلەپ، جاھاننى توختىماي قالايمىقان قىلدى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزۈلۈپ قالدى.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى يۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قورال يەتكۈزۈش تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بىر تەرەپلىمە جازالاش ۋە قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ باشقۇرۇش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشلا كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر كارغا كېلىدىغان چىقىش يولى. نۆۋەتتە، ئوكرائىنا كىرزىسىنىڭ تەسىرى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنى مۇددەتسىز كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ مەيدان ھۆججىتى ئېلان قىلىپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى-توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىگە ماس كەلدى.

مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ مەيدان ھۆججىتىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ ئارزۇسىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

لى يوڭچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ مەزمۇنلار جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەدە بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىزچىل ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر «تىنچلىققا ئاۋاز قوشۇش، تىنچلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش»ىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش، كىرىزىسنى پەسەيتىشتە ئىجابىي رول ئويناپ، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ۋىدېيولۇق ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «تۆت كېرەك»، «تۆت بىرلىكتە»، «ئۈچ ئويلىشىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ-جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ قوللانمىسى بولۇپ قالدى.

2022-يىلى 4-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا توقۇنۇشنى مەنبەسىدىن تۈگىتىش، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا جەمئىيەت داۋالغۇش، ئۆزگىرىشكە تولغان دەۋرگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتى بۇنى ئالقىشلىدى ۋە قوللىدى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو «يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى»نى ئېلان قىلىپ، تەشەببۇسنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى شەرھلەپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق يۆنىلىشى ۋە سۇپا مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

لى زىگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ئۇقۇم ھۆججىتى» ۋە «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلان قىلىنىپ، دۇنياغا «جۇڭگو تىنچلىق تەرەپتە، سۆزلىشىش تەرەپتە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ» دېگەن روشەن مەيدان نامايان قىلىندى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسلىرى «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتنى چۈشەندۈردى

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكەنلىكىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانى» دېگەن ھۆججەتنى ئېلان قىلدى.