تەتقىقاتتىن جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئايان بولدى
يېقىندا، گېرمانىيە كىل دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئايرىم ھالقىلىق مەھسۇلاتلار ساھەسىدە، گېرمانىيە جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىشقا بەك تايىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، گېرمانىيەنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر ئىمپورت قىلىشقا تايىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %80 خاتىرە كومپيۇتېر جۇڭگودىن كېلىدۇ، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان يانفون ۋە كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنىڭ ئۈلۈشى ئايرىم-ئايرىم %68 ۋە %62 كە يېتىدۇ. بۇندىن باشقا، جۇڭگو يەنە گېرمانىيە ئىمپورت قىلىدىغان توقۇلما بۇيۇملار ۋە LED چىرىغى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، ئىمپورت ئۈلۈشى ئايرىم-ئايرىم %69 ۋە %61 نى ئىگىلەيدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گېرمانىيە ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ھالقىلىق خام ماتېرىيال قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم سىرەك يەر ۋە باشقا خام ئەشيالاردىمۇ ئوخشاشلا جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. مەسىلەن: گېرمانىيە ئىمپورت قىلغان سىكاندىي ۋە سىتىبىينىڭ %85 تىن كۆپرەكى جۇڭگودىن كېلىدۇ، بۇ خام ئەشيالار باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇندىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ دوختۇر ماسكىسى ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى قاتارلىق بەزى داۋالاش مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە جۇڭگوغا تايىنىش دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، بەزى ئەھۋاللاردا بۇ مەھسۇلاتلارنى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ كېتىدۇ.
دوكلاتتا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى 221 خىل مەھسۇلات گېرمانىيە ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %80 تىن ئاشىدىكەن. دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە، باشقا ھېچقانداق تەمىنات كارخانىسى جۇڭگونىڭ بەزى زۆرۈر خام ئەشيالىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ دېيىلدى.
دوكلاتنىڭ بىر ئاپتورى ساندېركامپ ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگودىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى توسسا، بۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان تەمىنلىگۈچىنى تاپالمايدۇ دېدى. بۇندىن باشقا، ساندېركامپ ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونى جازالىسا، بۇ-جۇڭگونىڭ مەھسۇلات تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، گېرمانىيەنىڭ بەزى ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەش كىرىزىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دېدى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گېرمانىيەنىڭ جۇڭگوغا تايىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن سودا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەن سەۋىيەدىن تۆۋەن، پەقەت ئاز بىر قىسىم گېرمانىيە ئىشلەپچىقىرىشى جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىنمىسىغا تايىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيەنىڭ ئۆز سېلىنمىسى يەنىلا ئەڭ زور ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە، گېرمانىيە كارخانىلىرى ئايرىم مەھسۇلاتلاردىلا جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىشقا ئىنتايىن تايىنىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان تايىنىشچانلىق ئىنتايىن مۇھىم.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە سېلىشتۇرغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئىستېمال ساھەسى جۇڭگوغا تېخىمۇ تايىنىدۇ. نۆۋەتتە، گېرمانىيە ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجلىق بولغان بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك سېلىنمىنىڭ %0.6 ى جۇڭگودىن كېلىدۇ، گېرمانىيە ئىستېمالىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلات ساھەسىدە بولسا، بىۋاسىتە جۇڭگودىن كېلىدىغان ئۈلۈشى تەخمىنەن %1.4 كە يېتىدۇ. ئەگەر بىر-بىرىگە تايىنىدىغان ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالىغا بولغان مۇھىملىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىپ، گېرمانىيە جۇڭگودىن ھېچقانداق مەھسۇلات ياكى خام ئەشيا ئىمپورت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، گېرمانىيە ئىقتىسادى يەنىلا جۇڭگونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ دېيىلدى.
دوكلاتتا يەنە مودېل ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشىنىڭ ئاقىۋىتى پەرەز قىلىندى، ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى تاللىغان ھامان، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى تەمىنات سىستېمىسى ئورناتقان تەقدىردىمۇ، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد ھاسىلاتىنىڭمۇ %1 ئازىيىدىغانلىقى، ئەگەر 2021-يىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، گېرمانىيەنىڭ ھەر يىلى 36 مىليارد ياۋرو زىيان تارتىدىغانلىقى ئايان بولدى. ساندېركامپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتىكى تايىنىشچانلىقى بىر قەدەر كىچىك، ئەمما، گېرمانىيە-جۇڭگو سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى-مۇھىم خام ئەشيا، دورا ۋە ئاخىرقى مەھسۇلاتلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا