ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەل تاراتقۇلىرى:جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەر شارىنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 09:41

2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ نەزىرى جۇڭگو ئىقتىسادىغا مەركەزلەشتى. بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ تەڭشىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىدا، شىۋېيتسارىيە كىرېدىت بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ئاكسېل لېمان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلىدىكى ئىپادىسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆلچەملىك پور شىركىتىنىڭ يەر شارى لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوگلاس پېتېرسون مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو بازىرىدىكى پۇل ئامانەت قويۇش ئىقتىدارى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۆردۈم، بۇ ئېھتىياجلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئاشخانا، ماگىزىنلارنىڭ ئىستېمالى ئاشتى ،بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىي پائالىيىتىنىڭ 2-ئايدا ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى :جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن چەتئەل مەبلىغى ئاپپاراتلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى بەس-بەستە ئۆستۈردى، خەلقئارا دەرىجە باھالاش ئاپپاراتى فىتچ شىركىتى 2023-يىلىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە %5كە ئۆستۈردى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى تېزلەشكەن. جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى 2-ئايدا يېقىنقى 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېشىش نىسبىتىنى يارىتىپ، ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپى ۋە بىناكارلىقىنىڭ گۈللىنىش سەۋىيەسىمۇ داۋاملىق ئۆستى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان %5 ئەتراپىدا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كورېيە سودا جەمئىيىتىنىڭ «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنىڭ كورېيە ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى»نى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئەگەر بۇ يىل 2-پەسىلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلسە، جۇڭگوغا تايىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كورېيە ئىقتىسادى ۋە ئېكسپورت ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد بار .كورېيە سودا جەمئىيىتىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جياڭ نەيروڭ مۇنداق دېدى: كورىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت پۇرسىتى يارىتالايدۇ.

مالايسىيا «يۇلتۇز گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشىلىشى ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ»دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەر شارى ئىقتىسادنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، مالايسىيا ئىقتىسادىمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

تايلاند «باڭكوك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكىلەر بەس-بەستە نەزىرىنى جۇڭگوغا قاراتقان، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى جىددىي خەنزۇچە ساياھەت يېتەكچىسى قوبۇل قىلغان، مېھمانسارايلارمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن داۋالاش ئۇستىلىرىنى پائال تەكلىپ قىلغان.

نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر خۇش خەۋەر دېدى .خەلقئارا مەبلەغ سېلىش بانكىسى گولدمان سىچېس گۇرۇھىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن ئېچىۋېتىلىشى ۋە دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەخمىنەن %1 ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .خەلقئارا ساياھەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورماللىشىشى ئاسىيادىكى گۈللەنمە بازار ۋە باشقا رايونلاردىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى كۆرۈنەرلىك جانلاندۇرىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كىرىستالىنا گېئورگىيېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشىلىشى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشقا تولۇق ئاساسى بار. گېئورگىيېۋا مۇنداق دېدى: ھەرقايسى بازار سۇبيېكتلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆردى، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭمۇ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى بار.

ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىدا يەر شارىنىڭ نېفىت ئېھتىياجى مۆلچەرىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە ئۆستۈرۈشتىكى سەۋەب جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى ياخشىلىغانلىقىدىن بولدى، دېگەن. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئانالىزچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا


中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەل تاراتقۇلىرى:جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەر شارىنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى ئۇرغۇتتى

2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ نەزىرى جۇڭگو ئىقتىسادىغا مەركەزلەشتى. بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: