ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەل تاراتقۇلىرى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 09:49

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قاراپ چىقىش مۇھىم قارالمىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، بۇ لايىھە تەستىقلاندى. نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق دېدى: ئىسلاھات لايىھەسى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتكە قاراپ تاشلانغان يەنە بىر قەدەم.

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سەپلىنىشى ۋە يۈرۈشۈشىنى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا داۋاملىق ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
مىسىر ئازادلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىماد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسلاھات لايىھەسى ئورگان تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولدى، فۇنكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل سەرخىللاشتى، ئەمەلىي مەشغۇلات قاتلىمى جەھەتتە تېخىمۇ جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

رۇسىيە موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئىگور جېنىسوف مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسلاھات لايىھەسى پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

پولشا ياگالون داشۆسى ئوتتۇرا يىراق شەرق مەسىلىسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ئادام يېروننىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسلاھات لايىھەسى ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە، جۇڭگو بايلىق بىلەن بازارنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلئەزىز شابانى مۇنداق دېدى: ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى .جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئىسلاھات ئېھتىياجغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئۇنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئىسپانىيەلىك نوپۇزلۇق تاراتقۇ خادىمى جوسې ئانتونىئو ۋېرا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆزەتتى .يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى .ئالاقىدار تارماقلار ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆزدە تۇتىدۇ.

كورېيە-جۇڭگو يەر شارى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ شۇگېن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا مەسىلە يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئىلمىي، قېلىپلاشقان دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىياتنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ .كەلگۈسىدە ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى تېخىمۇ ئىلمىيلىشىدۇ، فۇنكسىيەسى يەنىمۇ ئەلالىشىدۇ، يۈرۈشۈشىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سېلىز مېڭيا مۇنداق دېدى: ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ بىرى .نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى جۇڭگونىڭ يەنىمۇ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

تايلاند دۆلەتلىك تەتقىقات يۇرتى تايلاند-جۇڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تانلۇڭگۇن ۋۇسېن تىرانگۇ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ .يېڭى تارىخىي باسقۇچتا يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جۇڭگونىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ،تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

گىرېتسىيە ياۋروپا ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى جورجى زوگوپۇلۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات لايىھەسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەل تاراتقۇلىرى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قاراپ چىقىش مۇھىم قارالمىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.