ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تالاش-تارتىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 17:02

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران يېقىندا بېيجىڭدا سۆزلىشىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى كۈچلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ياراشقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيادىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىجابىي رول ئويناپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. دەپ قارىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشمە باياناتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ مۇقىملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ كۆرسەتتى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ سۆزلىشىشنى ئۈستىگە ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئەرەب پارلامېنتى ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كېلىشىم ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان كىرىزىسنى تىرىشىپ ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە سۆزلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللايدۇ، رايون دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، قول تۇتۇشۇپ مۇقىم ۋە گۈللەنگەن رايون ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز زۆرۈر.

ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى سامانى مۇنداق دېدى: ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بۇ چوقۇم رايون خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئىران جۇڭگونىڭ سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلاۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك خەۋىرى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. سۆزلىشىش ئۆتكۈزۈشتىكى ساھىبخان جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىزچىل ئىجابىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ، جۇڭگو ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

لىۋاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەبىب باياناتىدا مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلۇشى مەزكۇر رايونغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ئاساسىدا ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەبىب يەنە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ئىراق زۇڭلىسىنىڭ تاراتقۇ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق، رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ.

يەمەن ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجابىي سۆزلىشىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىش، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئەڭ ياخشى يول، بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىراننىڭ بىرلەشمە بايانات ئىمزالىغانلىقى ۋە ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە ئىككى تەرەپ ئەلچىخانىلىرىنى قايتا ئېچىشقا قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىمەن. بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۈتمەكتىمەن.

مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھېرمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى-جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىگە باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ كەلدى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشقا كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىجابىي تۆھپە قوشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى «رىياد گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى خانى ۋافا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆزلىشىش ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى يول. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاكتىپ تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق-سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ، بۇ جەزمەن ئىككى دۆلەت، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىران تېھران داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى سەيىد مۇھەممەد مالەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو ياراشتۇرۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پارس قولتۇقى رايونى ھەمدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى رايونلارنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. سۆزلىشىش تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

پاكىستان ئىسلاماباد سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خالىد راخمان مۇنداق دەپ قارىدى: بىرلەشمە بايانات دۇنياغا تارىخىي ئىختىلاپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى نامايان قىلدى. بۇمۇ دەل جۇڭگو مۇراجىئەت قىلغان ۋە ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ يۆنىلىشى. تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي تۈرتكىلىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تالاش-تارتىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران يېقىندا بېيجىڭدا سۆزلىشىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.