ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە «پاندورا قۇتىسى»نى ئېچىشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-20 09:30

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كۆرۈشتى ھەمدە ئاۋسترالىيەگە يادرو چۆكمە پاراخوت سەپلەش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا ئاساسەن، ئامېرىكا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئاۋسترالىيەگە «ۋىرگىنىيە»دەرىجىلىك يادرو چۆكمە پاراخوتىدىن ئۈچنى سېتىپ بېرىدىكەن، كېيىن يەنە ئىككىنى قوشۇپ سېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۈچ دۆلەت يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، ھەمكارلىشىپ بىر خىل يېڭى تىپتىكى يادرو چۆكمە پاراخوتنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى پىلانلىدى.

ئاۋسترالىيە ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتكۈل پىلان 2055-يىلى تاماملىنىدىكەن، بۇنىڭغا 245 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدىكەن.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىق پىلانىنى ئېلان قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ 3-ئايلىق كېڭىشى يىغىنى ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ تۈرتكىسىدە، ئورگان ئۇدا 7-قېتىم ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇزاكىرە قىلىش شەكلىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىقى مەسىلىسىگە قاراپ چىقتى، كۆپ دۆلەت بۇ ھەمكارلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە پىسەنت قىلماي، يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىق پىلانىنى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپلىك ھەرىكەت ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك ئورتاق تونۇشقا قارشى تۇرۇپ، خاتا ۋە خەتەرلىك يولدا بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. ئەگەر بۇ پىلان يولغا قويۇلسا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىغا زەربە بېرىپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى قوزغىتىپ، خۇددى «پاندورا قۇتىسى»نى ئاچقانغا ئوخشاش، تۈگىمەس بالاغا قالىدۇ.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نى تۈزگۈچى دۆلەتلەر، ئەمما ئۇلار قارشى يولغا مېڭىپ، «دەرسلىك دەرىجىسىدىكى يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش ۋەقەسى»نى پىلانلىغان. 2021-يىلى 9-ئايدا ئۈچ دۆلەت ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ھەمراھى (ئوكۇسAUKUS ) قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، يادرولۇق پىلانى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو چۆكمە پاراخوتى ياسىشىغا ياردەملىشىدۇ. بۇ پىلاننىڭ ماھىيىتى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يادرو قورالى دۆلىتى ۋە  «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نى تۈزگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت بۇ يادروسىز دۆلەتكە نەچچە توننا قورال دەرىجىلىك يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇراننى ئۆتۈنۈپ بېرىش بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە يادرو كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت. ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى  «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» نىشانى ۋە پىرىنسىپى، «خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېلىشىمى» ۋە «جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يادروسىز رايون شەرتنامىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، «ئۈچكە خىلاپلىق قىلىش»تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «يادرو سۇيىقەستى»نى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۈچ دۆلەت خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا كۆپ قېتىم يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلدى، جۈملىدىن ئورگان كاتىبات باشقارمىسىنى نازارەت قىلىپ كەچۈرۈم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئورگاننىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى، نەتىجىدە ھەممىسى مەغلۇپ بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈچ دۆلەت يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى قىلچە پەرۋا قىلماي ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تەلتۆكۈس تۇردى. «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپ«، »كۆپ تەرەپچىللىكنى يولغا قويۇش» دېگەن نېمە؟ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى بەزى كىشىلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ سۆزلەر غايەت زور مەسخىرە بولۇپ قالدى.

ئۈچ تەرەپ ئېلان قىلغان ھەمكارلىق تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيەگە يادرو چۆكمە پاراخوت سېتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە يېڭى تىپتىكى يادرو چۆكمە پاراخوتنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسايدىكەن؛ يادرو چۆكمە پاراخوتى ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇچۇر ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كېلىشىمدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋسترالىيەنىڭ خادىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2023-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ يادرو چۆكمە پاراخوتى ئاۋسترالىيە پورتىغا بولغان زىيارىتىنى كۆپەيتىدۇ، 2027-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ چۆكمە پاراخوتلىرى پېرت ئەتراپىدىكى ئىستىرلىنگ دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ئانگلو-ساكسون كىچىك چەمبىرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. ئۇلار كىچىك گۇرۇھ شەكلىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي ئىستراتېگىيە ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رايون توقۇنۇشى ۋە قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش يولىنى تەقلىد قىلماقچى. بۇ تار جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۇيىقەست رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۇمانى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. «سىدنېي پېشۋالار سەھەر گېزىتى»يېقىندا: ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ رايون ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى، دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىقىنى جاھىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىدە ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادىي پىلانى بار. ئەينى ۋاقىتتا، فىرانسىيە ئاۋسترالىيە بىلەن تەخمىنەن 66 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇنتىزىم چۆكمە پاراخوت توختامى ئىمزالىغان، نەتىجىدە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بۇ توختامنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، تۈر سوممىسى 245 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، نەچچە ھەسسە ئاشتى، يەر شارىدا قان شوراۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە كۆپ پۇل تاپتى. ئاۋسترالىيەگە كەلسەك، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلىشىم كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 20 مىڭ بىۋاسىتە ئىش ئورنى يارىتىدىكەن. ئەمما ئاۋسترالىيە يېشىل پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى: بۇ كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت جەھەتتىكى مالىيە بوشلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدى. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئالىمى يوسېف سىراكۇسا تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە زور مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان يادرو چۆكمە پاراخوت بىخەتەرلىك كاپالىتى ئېلىپ كەلمەيدۇ، پەقەت «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال يۈك»بولۇپ قالىدۇ.

مەيلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قانداق چوت سوقسۇن، يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىقى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەريان ئارقىلىق ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە يادرو چۆكمە پاراخوت ھەمكارلىقىنى ھەرگىز قانات يايدۇرماسلىقى كېرەك. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلق شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، دەل سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن قۇتۇلغاچقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز رايونغا ئايلانغان. بۇ ۋەزىيەت ئىنتايىن قىممەتلىك. كىم ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولسا، بۇ يەردىكى خەلق ھەرگىز يول قويمايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە «پاندورا قۇتىسى»نى ئېچىشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كۆرۈشتى ھەمدە ئاۋسترالىيەگە يادرو چۆكمە پاراخوت سەپلەش پىلانىنى ئېلان قىلدى